نۇرغۇن كىشى چىشىنىڭ ئاق ھەم پارقىراق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ لېكىن چىش قانچە ئاق بولسا شۇنچە ساغلام بولۇشى ناتايىن

چىش قانچە ئاق بولسا شۇنچە ياخشىمۇ

 تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەڭ مۇستەھكەم، ساغلام چىش سەل سېرىق رەڭلىك بولۇپ، قەغەزدەك ئاق بولمايدىكەن. چۈنكى چىشنىڭ سىرتىنى قاپلاپ تۇرغان چىش ئېمال ماددىسى يېرىم سۈزۈك بولۇپ، ئەسلىي چىش ئاق بولماستىن سېرىققا مايىل بولىدىكەن، شۇڭا چىشلار سەل سېرىق كۆرۈنىدىكەن. ساغلام چىشلارنىڭ ئېمال ماددىسىنىڭ كالتسىيلىشىش دەرىجىسى يۇقىرى، سۈزۈك ھەم قاتتىق بولۇپ، چىشنىڭ ئەسلىدىكى سېرىق رەڭگى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.

 ئەكسىچە ساغلام بولمىغان چىشلارنىڭ ئېمال ماددىسىنىڭ كالتسىيلىشىش دەرىجىسى تۆۋەن ھەم ئانچە سۈزۈك بولمىغاچقا، چىشنىڭ ئەسلىدىكى سېرىق رەڭگى ئانچە كۆرۈنمەي بىنورمال ئاق رەڭدە ياكى سۈترەڭدە كۆرۈنىدۇ.

 شۇڭا چىش قانچە ئاق بولسا شۇنچە ياخشى بولمايدۇ، بەلكى كۆرۈنۈشى تەبىئىي ھەم ئۆزىنىڭ تېرە رەڭگىگە ماس كېلىدىغان چىش ئەڭ ساغلام بولىدۇ.

 ئېرفانجان ياسىن تەرجىمىسى


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئۇيقۇ، ھەرىكەت ۋە گېن تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى مېتالدىن بۇلغىنىشنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .