ئۇيقۇنىڭ ياخشى - يامان بولۇشى ئادەملەرنىڭ بىلىش قابىلىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، ئادەملەرنىڭ ھەرىكەت شەكلىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ بۇ بالىلارغا نىسبەتەن بەك مۇھىم، گەرچە «ياخشى بالا»، «ناچار بالا» بولۇپ قىلىشتا ھەر تۈرلۈك ئامىللار بولسىمۇ، ئەمما ئۇيقۇ ئامىلىغا سەل قارىغىلى بولمايدۇ

يېڭى تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ئۇيقۇ ياخشى بولسا، بالىنىڭ ھەرىكىتىمۇ ياخشى بولىدىكەن. چۈنكى ئۇيقۇ بالىنىڭ ھەرىكىتىگە ھەتتا كەيپىياتىغىمۇ تەسىر يەتكۈزىدىكەن. كانادا مكجىل ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقات مەركىزىدىكىلەر ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن يەتتە ياشتىن 11 ياشقىچە ساغلام 34 ئوقۇغۇچىغا قارىتا بىر ھەپتە ئۇخلاش تەجرىبىسى ئېلىپ بارغان. ئۇلار ئوقۇغۇچىلارنى ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلگەن.

بىر گۇرۇپپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتىنى بىر ھەپتە ئىچىدە بالدۇرراق قىلىش بىلەن بىللە، ھەر كۈنىدىكى ئۇخلاش ۋاقتىنى بۇرۇنقىدىن 27 مىنۇت ئۇزارتقان. باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتىنى ھەر كۈنى بۇرۇنقىدىن 54 مىنۇت قىسقارتقان. پەقەت بىر ھەپتە ئىچىدىكى ئۇيقۇنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرىكىتىدە پەرق يۈز بەرگەن. ئۇيقۇسى قىسقارتىلغان ئوقۇغۇچىلار باشقا ئوقۇغۇچىلارغا قارىغاندا ئاسان ھاياجانلىنىدىغان، ئاسان خاپا بولىدىغان، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسا يىغلايدىغان، مەيۈسلىنىدىغان بولۇپ قالغان. ئۇيقۇسى ئۇزارتىلغانلار كەيپىياتىنى كونترول قىلالايدىغان، تېخىمۇ ھوشيار ئىش قىلىدىغان بولغان. تەتقىقاتچىلار بۇنىڭدىن ئۇيقۇ كەم بولسا ئەستە تۇتۇشقا، يېڭىلىق يارىتىشقا، ھۆكۈم قىلىشقا تەسىر كۆرسىتىدىكەن دېگەن يەكۈننى چىقارغان

ئەنگلىيە تەتقىقاتچىلىرى بەزى پىدائىيلارنى تەتقىقات قىلغاندىن كېيىن، ئۇدا يەتتە كۈن قېنىپ ئۇخلىمىغاندا، ئادەملەرنىڭ 700 دىن كۆپ گېنى تەسىرگە ئۇچراپ، بىيولوگىيەلىك سائىتى، ماددا ئالماشتۇرۇشى، ئىممۇنولوگىيەلىك رېئاكسىيە ۋە بېسىمغا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، سالامەتلىك مەسىلىسى كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى بايقىغان.
 
ئۇيقۇ، ھەرىكەت ۋە گېن

تەتقىقاتچىلار يېشى 23ياشتىن 34 ياشقىچە بولغان 14 ئەر، 12 ئايالنى ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ سىناق ئېلىپ بارغان. بىرىنچى باسقۇچتىكىلەرنى ئۇدا بىر ھەپتە، ھەر كۈنى ئاخشىمى ئون سائەت ئۇخلاتقان. ئىككىنچى باسقۇچتىكىلىرىنى ئۇدا بىر ھەپتە، ھەر كۈنى ئاخشىمى ئالتە سائەتتىن ئاز ئۇخلاتقان. ھەربىر باسقۇچ تۈگىگەندىن كېيىن ئۇلارنى ئۇدا 39 - 41 سائەت ئۇخلاتمىغان، ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ قېنىنى تەكشۈرگەن، نەتىجىدە، ئۇيقۇسى بىر ھەپتە ئىچىدە پەقەت ئالتە سائەت ئۇخلىغانلارنىڭ 444 دانە گېنىنىڭ ھەرىكىتى چەكلىمىگە ئۇچرىغان، 267 گېنى تېخىمۇ جانلىنىپ كەتكەن.

مەيلى گېنىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشى ياكى گېنىنىڭ تېخىمۇ جانلىنىپ كېتىشى بولسۇن، ھەممىسى كىشىلەرنىڭ تەن ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، يۈرەك قان تومۇر كېسىلى، قەنت كېسىلى، سەمىرىپ كېتىش، ئەندىشە قىلىش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن باشقا، قېرىشنى تېزلەشتۈرۈۋېتىدىكەن، شۇڭا، قېنىپ ئۇخلاش ئىنسانلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىمكەن.
 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئۇيقۇ كۆپ بولسىمۇ، ئاز بولسىمۇ بولمايدىكەن تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى چىش قانچە ئاق بولسا شۇنچە ياخشىمۇ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .