ئۇيقۇ توغرىسىدا يىڭى قاراشلارھازىر كۆپلىگەن تەتقىقات يەكۈنلىرى ئىنسانلارنىڭ ئۇيقۇغا بولغان تونۇشىنى بارغانسېرى يىڭىلىماقتا

يېقىنقى بىر قانچە يىلدىكى دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى كۆپلىگەن تەتقىقاتلار كۆرسەتتىكى، ئۇيقۇ كۆپ بولسىمۇ، ئاز بولسىمۇ ئوخشاشلا ياخشى ئەمەسكەن. قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى ئادەتتە يەتتە سائەت بولۇپ، بۇنىڭدىن ئېشىپ كەتسە ياكى كەم قالسا، تېخىمۇ كۆپ يۈرەك قان تومۇر كېسىلى كېلىپ چىقىشى ھەم  ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.   

2007 - يىلى ئەنگلىيە لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى تارقىلىشچان كېسەللەر ئىنستىتۇتى بىلەن ئاممىۋى تازىلىق پاكۇلتېتىدىكى تەتقىقاتچىلار ئەنگلىيە ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىدىن 35 ياشتىن 55 ياشقىچە بولغان 10 مىڭ 308 كىشىنى 17 يىل تەتقىق قىلىپ، نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان. تەتقىقاتچىلار ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ ئۇزاق - قىسقىلىقىغا قاراپ كىشىلەرنى كۈندىلىك ئۇخلاش ۋاقتى بەش سائەتتىن ئاز، ئالتە سائەت، يەتتە سائەت، سەككىز سائەتكىچە ئۇخلايدىغانلار ۋە توققۇز سائەتتىن ئارتۇق ئۇخلايدىغانلار دەپ، بەش گۇرۇپپىغا بۆلگەن ھەم 7729 قاتناشقۇچىنىڭ ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئۇيقۇنىڭ ئۇلارنىڭ ھاياتىغا بولغان تەسىرىنى كۆزەتكەن.


نەتىجىدە ئۇيقۇ يېتىشمىگەندە، قان بېسىم ئۆرلىگەن، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ۋە ئۆلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولغان. ھەر كۈنى بەش سائەت ئۇخلايدىغانلارنىڭ تۈرلۈك سەۋەب بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى ئادەتتىكى كىشىلەردىن 1.7 ھەسسە، قان تومۇر كېسىلى بىلەن ئۆلۈش مۇمكىنچىلىكى ئىككى ھەسسە كۆپ بولىدىكەن.
ئۇخلاش ۋاقتى توققۇز سائەتتىن ئېشىپ كەتكەندىمۇ ئۆلۈم نىسبىتى نىسبەتەن يۇقىرى بولغان. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ نىسبەتەن ئۇزاق بولۇشى باشقا بەزى سالامەتلىك مەسىلىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولىشىمۇ مۇمكىن ئىكەن. مەسىلەن، چۈشكۈنلىشىش ۋە راك كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرىدىن بولغان  ھارغىنلىق قاتارلىقلار. بۇ ئۇيقۇسى كۆپ ئادەملەرنىڭ ئەسلىدىلا تىنىدە كېسەل   ئالامەتلىرىنىڭ بارلىقى ياكى ئورگانېزمنىڭ ساغلام بولمىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن

ئادەتتە قۇرامىغا يەتكەنلەر ھەر كۈنى قانۇنىيەتلىك ھالدا ئالتە - يەتتە ياكى سەككىز سائەت ئۇخلىسا، سالامەتلىككە پايدىلىق بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ نورمال فىزىيولوگىيەلىك ئىقتىدارىنى ياخشىلىغىلى ۋە ئۆمرىنى ئۇزارتقىلى بولىدىكەن. دەرۋەقە ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ  ئادەملەرگە قاراپ پەرقلىق بولۇشى مۇقەررەر.
بەزى تەتقىقاتچىلار يەتتە سائەت ئۇخلاش ئىنسانلار، بولۇپمۇ ئاياللارغا تېخىمۇ مۇۋاپىق دەپ قارىغان. ھەر كۈنى يەتتە سائەت ئۇخلىغان ئاياللارنى سەككىز سائەت ئۇخلىغان ئاياللارغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى ئاق مىزىك ماددا (بەدەندىكى كېسەلگە قارشى ئىممۇنولوگىيەلىك ماددا) نىڭ سەككىز سائەت ئۇخلايدىغانلارنىڭكىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان. ھەر كۈنى بەش سائەت ياكى تېخىمۇ ئاز ئۇخلىغان ئاياللارنىڭ ئىنتايىن سەزگۈر C رېئاكسىيەلىك ئاقسىلى (جىگەر بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن، پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىش رېئاكسىيەسى جىددىي مەزگىلدىكى ئالاھىدە غەيرىي خاراكتېرلىك بىر خىل كۆرسەتكۈچ ماددا، يەنى يۈرەك قان تومۇر كېسىلىنىڭ خەۋپلىك ئۆرلەپ كەتكەنلىكىنى ئۈنۈملۈك ئالدىن ئۆلچەيدىغان فاكتۇرنىڭ بىرى)نىڭ ئادەتتىكى ئادەملەردىن كۆرۈنەرلىك ئۆرلەپ كەتكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. شۇڭا ئۈنۈم جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۇخلاش ۋاقتى يەتتە - سەككىز سائەت ئارىلىقىدا بولسا ئەڭ مۇۋاپىقكەن.

تەتقىقاتچىلارنىڭ ياپون، ئامېرىكا، شىۋېيتسارىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتتىكى 470 مىڭدىن ئوشۇق ئادەمنىڭ ماتېرىيالىنى ئىنچىكە ئانالىز قىلىشىدىن بايقىلىشىچە، ئۇخلاش ۋاقتى ئۇزاق مۇددەت تولۇق بولمىغانلارنىڭ (ھەر كۈنى ئۇخلاش ۋاقتى ئالتە سائەتتىن كام بولغانلار) يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ ئادەتتىكى ئادەملەردىن %48تىن يۇقىرى، ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ %15 تىن يۇقىرى بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان، ئوخشاشلا ئۇخلاش ۋاقتى توققۇز سائەتتىن ئېشىپ كەتكەنلەرنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش، ئۆلۈش ۋە باشقا يۈرەك قان تومۇر كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىمۇ ئوخشاشلا ئېشىپ كەتكەن.

تەتقىقاتچىلار ئوخشاش بولغان تەتقىقات يەكۈنىگە ئاساسەن ئوخشاش بولمىغان ئادەملەر توپىغا قارىتا ئوخشاش بولمىغان ئۇيقۇ ۋاقتىنى تەۋسىيە قىلغان. ئادەتتە قۇرامىغا يەتكەنلەر ھەر كۈنى ئالتە سائەتتىن سەككىز سائەتكىچە ئۇخلىسا، مۇۋاپىق بولىدىكەن، ئەمما ئالتە سائەتتىن كەم بولماسلىقى كېرەككەن، 60 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ ئېھتىياجلىق ئۇخلاش ۋاقتى بەش - ئالتە سائەت، ياشلار - ئۆسمۈرلەر ياكى بالىلارنىڭ ئون سائەتتىن يۇقىرى بولۇشى لازىم ئىكەن.

كۆپلىگەن كىشى قانغۇدەك بىر ئۇخلىغاندىن كىيىن روھىي ھالىتىنىڭ ئالاھىدە ياخشى بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. بۇ ئۇيقۇنىڭ ھاردۇقنى تۈگىتىپ چوڭ مېڭىنى قۇۋۋەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكىدىن بولىدۇ. ئۇيقۇ، دەم ئېلىش ياخشى بولسا، كۈندۈزى ئۆگەنگەن نەرسىلەرنى چوڭ مېڭىدە ئوبدان ساقلىغىلى بولىدىكەن، بۇ قۇرامىغا يەتمىگەن ياشلار ئۈچۈن ئالاھىدە مۇھىمكەن.

گېرمانىيە تۇبىنگېن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سەككىز ياشتىن 11 ياشقىچە بولغان بالىلار ۋە ياشلار ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيقۇسى ياخشىلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ئۇيقۇسى ناچارلارغا قارىغاندا روشەن ياخشى بولغان. تەتقىقاتچى خادىملار سىناققا قاتناشقانلاردىن ئۆز خاھىشى بويىچە بىر قىسىم سان ۋە جەدۋەللەرنى كۆرۈشنى، ئاندىن بۇ ئادەملەردىن بىر كېچە تولۇق ئۇخلاشنى ياكى ئۇخلىماسلىقنى تەلەپ قىلغان، ئاندىن ئۇلاردىن بۇرۇن كۆرگەن سان ۋە جەدۋەللەرنىڭ مەزمۇنىنىڭ ئېسىدە قانچىلىك قالغانلىقىنى سىناپ كۆرگەن. نەتىجىدە، بىر كېچە تولۇق ئۇخلىغانلار بۇرۇن كۆرگەن سان ۋە جەدۋەللەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ مەزمۇنىنى ئەسلىيەلىگەن ۋە ئەستە تۇتۇۋالغان. ئۇخلىمىغانلار بۇرۇن كۆرگەن سان ۋە جەدۋەللەرنىڭ پەقەت ئاز بىر قىسمىنىڭ مەزمۇنىنى ئەسلىيەلىگەن ۋە ئۇنتۇپ قالغان.    

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بالىلار ئۇخلىغاندا ئۆزى ئۆگەنگەن يوشۇرۇن بىلىمىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھالدا ئاشكارا بىلىمگە ئايلاندۇرالايدىكەن، بولۇپمۇ بالىلارنىڭ مۇنداق پەۋقۇلئاددە بىلىش قابىلىيىتى ئۇلارنىڭ ئاخشىمى ئۇخلىغان ۋاقتى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەگەر ئۇلار توققۇز سائەتتىن كۆپ ئۇخلىغان بولسا، ئۇلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ۋە روھىي ھالىتى ئالاھىدە ياخشى بولىدىكەن. ئەمما مەيلى قۇرامىغا يەتكەنلەر ياكى بالىلار بولسۇن ئۇيقۇ ۋاقتى دېگىنىمىز پەقەت كېچىدىكى ئۇخلاش ۋاقتىغىلا قارىتىلغان بولماستىن، بەلكى كېچە - كۈندۈز يەنى 42 سائەت ئىچىدە ئۇخلىغان ۋاقتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدىكەن. كۈندۈزدىكى ئۇخلاش، مۇھىمى چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن قىسقا مۇددەت ئۇخلاش قۇرامىغا يەتكەنلەر ئۈچۈن ئالاھىدە مۇھىمكەن. تەتقىقاتلاردىن كۈندۈزى قىسقا مۇددەت مۇۋاپىق ئۇخلىسا، بىلىش قابىلىيىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقى بايقالغان.

ياپونىيە ۋاسېدا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسى قۇرامىغا يەتكەن 16 پىدائىيغا قارىتا بىر تۈرلۈك تەجرىبە ئېلىپ بارغان، ئۇلارنى ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈپ ئالمىشىپ ئاسمانغا توپ ئېتىش ھەم توپ تۇتۇش ماھارىتىنى ئۆگەتكەن، 30 مىنۇت مەشىق قىلغاندىن كېيىن بىر گۇرۇپپا ئادەمنى 70 مىنۇت ئۇخلاتقۇزغان، يەنە بىر گۇرۇپپا ئادەمگە تېلېۋىزور كۆرسەتكەن ياكى كىتاب ئوقۇتقان، يەكۈندە پەرق چوڭ بولغان. 70 مىنۇت ئۇخلىغان بىر گۇرۇپپىدىكى سەككىز ئادەمنىڭ توپنى ئېتىش، تۇتۇش ماھارىتى ياخشى بولغان. ئۇلارنىڭ دەسلەپكى 30 مىنۇت مەشىقتە ئوتتۇرا ھېسابتا توپ تۇتۇشى پەقەتلا 4.4 قېتىم بولغان بولسا، بىر ئاز ئۇخلىغاندىن كېيىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 7.9 قېتىمغا يەتكەن. تېلېۋىزور كۆرگەن ياكى كىتاب ئوقۇغانلارنى سىناق قىلغاندا، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە توپ تۇتۇشى 4.9 قېتىم بولغان. ئۇلارنىڭ دەسلەپكى مەشىق قىلغاندىكى ئوتتۇرىچە توپ تۇتۇشى 3.6 قېتىم ئىدى، دەرۋەقە بۇلارنىڭ نەتىجىسى ئازراق ئۇخلىغانلاردىكىدەك ياخشى بولمىغان.

مەيلى تەنھەرىكەت ئىقتىدارى بولسۇن، مەيلى نەزەرىيە بىلىمى بولسۇن ھەممىسى چوڭ مېڭىنىڭ بىلىشىدىن ئۆتىدۇ. سەگەك ۋاقتىدا ئۆگەنگەن مەزمۇنلار ۋاقىتلىق چوڭ مېڭىنىڭ مەركىزىي قىسىم سەقەنقۇر رايونىدا ساقلىنىپ، ئاندىن ئۇخلىغان ۋاقتىدا ئۆگەنگەن ئۇچۇرلار تەرتىپكە سېلىنىدۇ ھەم سەقەنقۇر رايونىدىن چوڭ مېڭىنىڭ ھەر بىر بۆلەكلىرىگە تاراپ، كېيىن ئۇزاق مۇددەت ئەستە قېلىپ ساقلىنىدۇ. مانا بۇ مەيلى بىر ئاز دەم ئالسۇن ياكى قانغۇدەك ئۇخلىغان بولسۇن ئادەملەرنىڭ بىلىش ۋە ھەرىكەت قابىلىيىتىنىڭ ئۈستۈن بولۇشىنىڭ تۈپ قانۇنىدۇر.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا يۈرەكنى ئاسرىغانلىق مېڭىنى قوغدىغانلىقتۇر تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئۇيقۇ، ھەرىكەت ۋە گېن توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .