ئۇيقۇسىزلىق ئادەم بەدىنىدىكى يۈرەك ، جىگەر ، تال ، ئۆپكە ، بۆرەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك 


   جىگەرنى ئىسسىق تۇتۇپ قېلىش : بېسىم ۋە ئىچى پۇشۇشتىن بولغان ئاچچىقلىنىش جىگەرنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇھەمدە ئاچچىقلىنىش كۆپ  قىسىم ھاللاردا ‹‹ ئىسسىق تۇتۇش›› قا ئۆزگىرىپ ، بەدەننى ئۇدا كۈچىيىش ھالىتىدە تۇرغۇزۇپ ، ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

   ئېشى ئارتىپ كېتىش : كونىلاردا ‹‹ ئاچلىقتىن توقلۇق يامان›› دەيدىغان گەپ بار . ئاشقازان ، ئۈچەي ياخشى كۈتۈلمىسە ، ئاشقازان بىئارام بولۇش ، ھەزىم  قىلىش ناچارلىشىش ، قورساق كۆپۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، ئۇيقۇنى تەسىرگە ئۇچرىتىدۇ .

   يۈرەك مەنپىيلىكىنىڭ زەئىپلىشىشى : دائىم كېچىگىچە ئىش ۋاقتىنى ئاشۇرۇپ ئىشلىگەندە ، بەدەندىكى ‹‹مەنپىي قۇۋۋەت›› ئاز ئازدىن قوراپ ، ‹‹مەنپىيلىك  زەئىپلىشىش››كە ئۆزگىرىدۇ . بۇنداق بولغاندا بەدەن روھسىزلىنىپ ، ئۇزاققىچە ئۇخلىيالمايدۇ .

   يۈرەك ۋە تال زەئىپلىشىش: بۇ خىلدىكى كىشلەردە روھىي ھالىتى قالايمىقانلىشىش ، كۆپ ئۇسساش ، چارچاش ، ئۇيقۇسى ئاز بولۇش ھەم ئاسان ئويغىنىپ كېتىش كۆرۈلگەندىن باشقا ، يەنە ئاشقازىنى (ھەزىم قىلىش سىستېمىسى) ساقسىز بولۇشمۇ كۆرۈلىدۇ . مەسلەن ئىچى سۈرۈش ، ھەزىم قىلىشى ياخشى بولماسلىق قاتارلىقلار .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئۇزاق ئولتۇرۇشتىن پەيدا بولىدىغان كېسەللىكلەر تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى كېسەلدىن خالىي بولۇشتىكى ئون ئۇسۇل توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .