كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىممۇنىتېت كۈچىنى تۆۋەنلىگەندە ئادەم بەدىنىدە ئاسانلا كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ ئۇنداقتا ئىممۇنىتېت كۈچىنى تۆۋەنلىتىدىغان ئامىللار قايسىلار؟ نەزىرىڭىز تۆۋەندىكى ماقالىدە بولسۇن




  دائىم ماشىنىدا ئولتۇرۇش 
ماشىنىسى بار كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ، دائىم ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت قىلىپ بېرىش ئىنتايىن مۇھىم .

  ئىككىلەمچى تاماكا چەككۈچىلەر  يىلىغا 300 مىڭ بالا ئىككىلەمچى تاماكا چېكىش سەۋەبىدىن نەپەس يولى يۇقۇملىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىكەن ، 3000 ئادەم ئىككىلەمچى تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدىكەن .

   ناشتا قىلماسلىق چۈشتىن بۇرۇنقى خىزمەتتە يېمەكلىك ئېنېرگىيىسىنىڭ ياردىمى كەمچىل بولسا ، نېرۋا ، ئىچكى ئاجرالمىلارنىڭ تەڭشىشى ئاستىدا ،  توقۇلما ، ھۈجەيرىلەردىكى ياغ ئاقسىلى ۋە قەنت تۈرىدىكىلەر ئىشلىتىلىدۇ . بۇ ئېممۇنېت چۈجەيرىسى ۋە ئىممۇنىتېت ئاقسىلىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئاسراش ۋە ئۇنىڭ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ .

  يېمەك – ئىچمەك ئېسىل ۋە يۇمشاق بولۇش  دائىم ئېسىل ۋو يۇمشاق يېمەكلىكلەرنىلا يېسە ، ئاسانلا ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭسىزلىقى كېلىپ چىقىدۇ .

   ئورۇقلىتىش دورىسى يېيىش ياغنىڭ پارچىلىنىشىنى تېزلىتىدىغان بەزى ئوزۇقلىتىش دورىلىرى ئورگانىزىمدا قەنت ۋە ئاقسىل قاتنىشىدىغان ترى  كاربوكسىسىلىك كىسلاتانىڭ نورمال ئايلىنىشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ . ماددا ئالمىشىش قالايمىقانلاشقان ھامان ئىممۇنىتېت ھۈجەيرە بىلەن ئىممۇنىتېت ئاقسىلنىڭ ھاسىل بولۇشى ئاز بولۇپ ، ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ .

   روھىي بېسىم روھىي بېسىمنىڭ شەكىللىنىشىگە ۋە ھاياتىي كۈچىگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكتىن ، تەبىئىي ئۆلتۈرگۈچى ھۈجەيرىلەر ئازلاپ كېتىپ ، ئادەمنىڭ  ئىممۇنىتېت ئاقسىلىنىڭ ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ .

    ئۈمىدسىزلىك  قاندىكى ئىممۇنىتېت ئاقسىلىنىڭ ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ .

   دوستى ئاز بولۇش  55–18 ياشقىچە بولغان 176 نەپەر ياش ، ئوتتۇرا ياش كىشىلەر ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە ، 6 دىن كۆپ دوستى بار كىشىلەرنىڭ زۇكامغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى دوستى ئاز كىشىلەرنىڭ زۇكامغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى دوستى ئاز كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا 4 ھەسسە كۈچلۈك بولىدىكەن . ئۇزۇن مەزگىل يىگانە يۈرۈش ۋە تەشۋىشلىنىش ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ .

    يۇمۇرىستىك تۇيغۇ كەمچىل بولۇش  كەيپىيات كۆتىرەڭگۈ بولسا بەدەندىكى بېسىم ھورمۇنى ئازىيىپ ، ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى كۆپىيىپ ، ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىسى ۋە ئىممۇنىتېت ئاقسىلىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغايدۇ .

    ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق  كۈندىلىك ئۇيقۇسى 4 سائەتتىن تۆۋەن بولغانلارنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى نورمال ئادەملەردىن %50 تۆۋەن بولىدۇ .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا كۆزنى كۆپ ئىشلەتكەندە قان تولۇقلاش كېرەك تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئۇزاق ئولتۇرۇشتىن پەيدا بولىدىغان كېسەللىكلەر توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .