يېقىندا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ساغلاملىقنىڭ يەتتە تۈرلۈك ئۆلچىمىنى ئوتتۇرىغا قويدى ئۇنى‹‹ بەش تېز››(مۇسكۇللار ساغلاملىقى)،‹‹ئۈچ ياخشى›› (روھى ساغلاملىق)،دەپ ئىككىگە ئايرىشقا بولىدۇ

بەش تېز:

   1. تاماقنى تېز يەيدىغان، ئىشتىھاسى ياخشى، تاماق تاللىمايدىغان بولۇش .

   2. تەرەت تېز بولۇش .

   3. ئۇيقۇسى كەلگەندە ياتسىلا دەرھال ئۇخلىيالايدىغان، مېڭىسى سەگەك بولۇش.

   4. تېز سۆزلىيەلەيدىغان بولۇش:، تەپەككۇر ئىقتىدارى كۈچلۈك، سۆزنى توغرا، راۋان قىلالايدىغان بولۇش.

   5. تېز ماڭىدىغان بولۇش: بىمالال ماڭالايدىغان،ھەرىكىتى چاققان بولۇش .

ئۈچ ياخشى:

   1. مىجەزى ياخشى، كەيپىياتى مۇلايىم، ئىرادىلىك، ھېسسىياتچان، كەڭ قورساق، ئۈمىدۋار بولۇش .

   2. ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ياخشى بولۇش .مەسىلىنى ئوبيېكتىپ، رېئال كۆزىتەلەيدىغان، سالماق ئۆز–ئۆزىنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىغا ئىگە، مۇرەككەپ ئىجتىمائىي مۇھىتقا ماسلىشالايدىغان بولۇش.

   3 . كىشىلەر ئارا مۇناسىۋىتى ياخشى بولۇش: باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق، دەپ بىلىدىغان، باشقىلارغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىدىغان، ئۆزئارا مۇناسىۋەتتە قىزغىن بولۇش .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا بۇرۇنغا قاراپ سالامەتلىككە ھۆكۈم قىلىش تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى كۆزنى كۆپ ئىشلەتكەندە قان تولۇقلاش كېرەك توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .