نۇر تورى تەرجىمىسى: ساغلام ئادەملەرنىڭ تىرنىقى پارقىراق، سىلىق، تەكشى، يېرىم سۈزۈك ۋە مەلۇم دەرىجى

نۇر تورى تەرجىمىسى:

    ساغلام ئادەملەرنىڭ تىرنىقى پارقىراق، سىلىق، تەكشى، يېرىم سۈزۈك ۋە مەلۇم دەرىجىدە يايسىمان بولىدۇ، ھەمدە تەكشى سۇس قىزىل رەڭدە بولىدۇ. لېكىن، سىزنىڭ تىرنىقىڭىزدا تۆۋەندىكىدەك ھالەتلەر كۆرۈلسە، چوقۇم دىققەت قىلىشىڭىز لازىم.

    1. داغ بولۇپ قالسا: 

   ئاق داغ: ئەگەر تىرناق ئۈستىدە ئاز مىقداردا ئاق چېكىت پەيدا بولۇپ قالسا، ئادەتتە كالتسىي ۋە سىنكنىڭ كەمچىللىكىنىڭ ياكى پارازىت قۇرت كېسىلى بولۇپ قالغانلىقنىڭ ئىپادىسى. ئاق چېكىتنىڭ سانى بىر قەدەر كۆپ بولسا، بەلكىم نېرۋا ئاجىزلىشىشقا باشلىغانلىقىنىڭ ئالامەتلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ئاق چېكىت ئەتراپىدا سۇس ھال رەڭ كۆرۈلگەن بولسا، ئۇنداقتا بەلكىم جىگەر قېتىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن.

    سېرىق داغ: ۋېتامىن E كەمچىل بولغان بولۇشى ياكى لىمفا سىستېمىسى ھەمدە نەپەس سىستېمىسىدا مەسىلە بار بولۇشى مۇمكىن.

    قارا داغ: يېنىك بولغاندا بەك چارچاپ كەتكەنلىكنىڭ ياكى ئوزۇقلىنىش ناچارلىقنىڭ ئىپادىسى، ئېغىې بولغاندا ئاشقازان تۆۋەنلەش، ئاشقازان راكى ياكى بالىياتقۇ راكىنىڭ كېسەللىك ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن.

    2. تىرناق يۈزى ئويمان بولۇپ قالغان بولسا:

   1) ئوتتۇرا بارماقنىڭ تىرنىقى ئويمان بولۇپ قالغان بولسا: بەدەندە سۈيدۈك كىسلاتاسى ئېشىپ كەتكەنلىكىنىڭ ۋە مۇسكۇللىرى سىرقىراپ ئاغرىيدىغانلىقىنى ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن.

    2) بارماقنىڭ ئۇچىنىڭ تىرناق گىرۋىكىدە ئولتۇرۇشۇپ كېتىش كۆرۈلگەن بولسا: بۇ بەلكىم ئارتېرىيە قېتىش ۋە راك كېسىلىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن.

    3) چىمچىلاق بارماقنىڭ تىرنىقى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن بولسا: گال ياكى نېرۋا سىستېمىسىدا ناچار ئۆزگىرىش بار ئىكەنلىكى ۋە ئۆت ئىقتىدارىنىڭ ناچارلىشىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن.

    3. تىك يوللۇق سىزىقچىلار

    بۇ ھەددىدىن ئارتۇق چارچاپ كەتكەنلىكنىڭ ۋە مېڭىنى زىيادە ئىشلەتكەنلىكنىڭ ئالامىتى بولۇپ، ئادەتتە ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىغان چاغدا بۇ تىك يوللۇق سىزىقچىلار ناھايىتى ئېنىق نامايەن بولىدۇ.

    ئەگەر تىك يوللۇق سىزىقچىلار ئىزچىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرسا، ئۇنداقتا تەن ئىچىدىكى ئەزالاردا سوزۇلما خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولغان بولۇشى مۇمكىن. تىرناقنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، تىك يوللۇق سىزىقچىلار پەيدىنپەي يۇقىرى كۆتۈرۈلسە، ئۇنداقتا كېسەلنىڭ پەيدا بولۇش ۋاقتىنىڭ بارغانسېرى يېقىنلىشىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

    4. يېرىلىپ كەتسە:

    تۆمۈر ماددىسى كەمچىل بولسا، تىرناق ئاسان يېرىلىپ كېتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، قېنىق يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار، بېلىق تۈرىدىكىلەر، پۇرچاق تۈرىدىكىلەر ۋە بەش خىل دانلىق زىرائەت تۈرىدىكىلەر قاتارلىقلار ئارقىلىق تۆمۈر ماددىسىنى تولۇقلاشقا بولىدۇ.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا دوختۇرلار پەرھىز تۇتىدىغان ئىشلار تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى سالامەتلىكنى ساقلاشتا زۆرۈر بولغان تازىلىق توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .