دوختۇرلار پەرھىز تۇتىدىغان ئىشلار

سۆڭەك كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرى ئادەتتە يۇمشاق ئورۇندۇق ياكى سافادا ئۇزاق ئولتۇرمايدۇ. سۆڭەك كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى شۇ چاۋ مۇنداق دېدى:«يۇمشاق ئورۇندۇق ياكى سافا بەل ئومۇرتقىسى بىلەن ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ فىزىئولوگىيەلىك قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغان بولغاچقا، سۆڭەك كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرى ھەتتا ئۆيىدىكى سافادىمۇ ئۇزاق ئولتۇرمايدۇ».

ھەزىم قىلىش كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرى قېنىق چاي ۋە قەھۋەنى كۆپ ئىچمەيدۇ. ھەزىم قىلىش كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى چېن شىنلىن مۇنداق دېدى:«قەھۋە بىلەن قېنىق دەملەنگەن چاي ئاشقازان ــ قىزىلئۆڭگەچ رېفلېكىسىنى پەيدا قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن چىرىتىشچانلىقى كۈچلۈك ئاشقازان كىسلاتاسى ئاشقازان ــ كېكىردەككە تەسىر قىلىپ، يېمەكلىكنىڭ تەتۈر ئايلىنىشىنى پەيدا قىلىدۇ، بۇ ئاخىرىدا قىزىلئۆڭگەچ راكىغا تەرەققىي قىلىدۇ».

جىگەر كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرى يەر ياڭىقى مۇرابباسىنى كۆپ يېمەيدۇ، چۈنكى قۇرۇتۇلغان يەر ياڭىقىنىڭ پاختىلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئاسان بىلگىلى بولمىغاچقا، ناۋادا بۇزۇلۇپ قالغان يەر ياڭىقى ئارىلىشىپ قالغان مۇراببانى يەپ سالسا، جىگەر راكىغا گىرىپتار بولۇشتىن ئەنسىرەيدۇ.

تېرە كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرى پۇتىنىڭ مۈڭگۈز قاتلمىغا تەگمەيدۇ ۋە تېرىسىگە ئاقارتقۇچى ماي سۈرتمەيدۇ، چۈنكى تېرىنىڭ ئۆزىدە قوغدىنىش سىستېمىسى بار؛ ناۋادا پۇتنىڭ مۈڭگۈز قاتلىمى ئېلىۋېتىلسە، بۇ سىستېما بۇزۇلۇپ كېتىدۇ. تېرىنى ئاقارتىش ئۈنۈمى بار يۈز يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىغا فىلۇئورېسسېنسىيە رېئاكتىۋى قوشۇلىدىغان بولغاچقا، تېرىنىڭ سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

ئاياللار كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرى ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى كۆزەينەك تاقايدۇ، چۈنكى قۇياش نۇرىدىكى ئېنفرا قىزىل نۇر كۆزگە ئېغىر زىيان سالىدۇ.

ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرى كىسلاتالىقى كۈچلۈك يېمەكلىكلەرنى يېمەيدۇ، بوتۇلكىنىڭ ئاغزىنى چىشى بىلەن ئاچمايدۇ، ياڭاق قاتارلىق قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنى چىشى بىلەن چاقمايدۇ، كاربونلۇق ئىچىملىكلەرنى ئىچمەيدۇ، تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ئېغىزىنى چايقاشنى ئۇنتۇمايدۇ.

قۇلاق ــ بۇرۇن، يۇتقۇنچاق كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرى ئاپتوموبىل تېز سۈرئەتتە كېتىۋاتقاندا ئاپتوموبىلنىڭ ئەينىكىنى چۈشۈرمەيدۇ، چۈنكى ئاپتوموبىلنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 80 كىلومېتىردىن ئاشقاندا، ئاڭلاش ئىقتىدارى ئاسان تەسىرگە ئۇچرايدۇ.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئۇيقۇسىزلىق قەۋزىيەتكە سەۋەب بولىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى تىرناقتا بۇ تۆت خىل ھالەت كۆرۈلسە سەل قارىماڭ، بەلكىم ئېغىر كېسەل ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .