ساغلاملىق ھاياتلىقنىڭ تۈۋرۈكى، ساغلاملىقتىن بەھىرلىنىش ھاياتلىقتىن بەھىرلىنىش، تۇرمۇشتىن بەھىرلىنىش دېگەنلىكتۇر شۇڭا، ساغلاملىققا ئەھمىيەت بېرىش تولىمۇ مۇھىم

كارىۋاتنىڭ ئۇستىدە مەيلى ئوڭدىسىغا يېتىپ تۇرۇپ ياكى دۇم يېتىپ تۇرۇپ يان تېلېفون ئويناش بولسۇن ئىنتايىن زىيانلىق، بۇنداق قىلغاندا كۆزنىڭ بىرىكتۈرگۈچى پەردىسىگە زىيان يېتىدۇ. يېتىپ تۇرۇپ يان تېلېفون ئويناش ئۇزاق مەزگىل داۋاملاشقاندا كۆزگە قان تولۇپ قالىدۇ. قاپاق بىرىكتۈرگۈچى پەردىسگىمۇ ئاسانلا توپچىسىمان ئۆسۇكچە ئۆسۇپ قالىدۇ ھەمدە پۈۋەكچە شەكىللىنىپ قالىدۇ.

دەسلەپتە بەلكىم كۆز قۇيرۇقى قىزىرىش، نەملىشىش، چاپاق بولۇپ قېلىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلۈشى مۇمكىن، ناۋادا دىققەت قىلمىغاندا بىرىكتۈرگۈچى پەردە توقۇلمىلىرىنىڭ ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىش خاراكتىرلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى پەيدا قىلىپ، ئاستا خاراكتېرلىك بىرىكتۈرگۈچى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەيدۇ: كۆزنى ئارام ئالدۇرمىغاندا كۆز چارچايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۈتۈن زېھنى بىلەن بېرىلىپ يان تېلېفوننىڭ ئېكرانىغا قارىغاندا يانفوننىڭ ئېكرانىدا توختىماي پەيدا بولغان ھەرخىل نۇرلار كۆزنى ئۇزلۇكسىز غىدىقلاپ، كۆز قارىچۇقىنىڭ يۇزىدىكى ياش پەردىسى قەۋىتىنى زەخمىلەندۇرىدۇ.

بۇنىڭ بىلەن كۆزنىڭ چارچىشىنى ھەمدە قۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، كۆز قىچىشىش، سانجىپ ئاغرىش، ياش ئېقىش، ھەتتا يورۇقلۇقتىن قورقۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۇلىدۇ. بۇ دەل كۆز قۇرغاقلىشىش كېسلىنىڭ ئالامەتلىرى ھېسابلىنىدۇ.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا بوي ئۆسىدىغان ئىككى ۋاقىت بۆلىكىنى بىلىۋېلىڭ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئۇيقۇسىزلىق قەۋزىيەتكە سەۋەب بولىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .