ئەل ئىچىدە:«بوينى ئۇخلاش ئارقىلىق ئۆستۈرگىلى بولىدۇ» دەيدىغان گەپ بار، بۇ گەپنىڭ ھەقىقەتەن خاتا يېرى يوق

يېقىندا مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە توختالغاندا مۇنداق دېيىشتى:«ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى بوي ئۆستۈرۈشكە مەسئۇل ھورمۇننىڭ ئاجرىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەمما ئادەم قاتتىق ئۇيقۇ باسقۇچىغا كىرگەندىن كېيىنلا، ئاندىن بەدەن بوي ئۆستۈرۈش ھورمۇنىنى ئاجرىتىشقا باشلايدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىلارنى بالدۇر ئۇخلاشقا ئادەتلەندۈرسە، بالىلىرىنىڭ بويى نورمال ئۆسۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايدۇ».

مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى:«بالىلارنىڭ بويى ئۆسۈشتىكى ئىككى ھالقىلىق باسقۇچ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ بويىنىڭ ئۆسۈشىدە مۇھىم ئورۇندا تورىدۇ. بۇ ئىككى باسقۇچنىڭ بىرىنچىسى كەچ سائەت 9:00 دىن ئەتىسى سەھەر سائەت 1:00 گىچە، بولۇپمۇ كەچ سائەت 10:00 نىڭ ئالدى ۋە كەينى ئەڭ مۇھىم، بۇ مەزگىلدە بوي ئۆستۈرۈش ھورمۇنىنىڭ ئاجرىلىشى يۇقىرى پەللىگە يېتىپ، كۈندۈزدىكىدىن يەتتە ھەسسە كۆپ بولىدۇ؛ يەنە بىر باسقۇچ ئەتىگەن سائەت 6:00 نىڭ ئالدى-كەينىدىكى بىر-ئىككى سائەت بولۇپ، بۇ ۋاقىتتىمۇ بوي ئۆستۈرۈش ھورمۇنى تېز ئاجرىلىدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلار بۇ ئىككى باسقۇچنى چىڭ تۇتۇپ، بوي ئۆستۈرۈش ھورمۇنى ئاجرىلىدىغان باسقۇچ يېقىنلاشقاندا بالىلىرىنىڭ قاتتىق ئۇيقۇ ھالىتىگە كىرىپ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك».


ئالدىنقى ماقالىمىزدا نېمىشقا بەزىلەر «ئورۇن تاللايدۇ» تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى يېتىۋېلىپ يان تېلېفون ئوينىماڭ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .