ھەددىدىن زىيادە تەرلىگەندە


1) قىزىل گۈلنىڭ قۇرۇتۇلغان چېچىكىنى ئۇندەك سوقۇپ بەدەنگە سۈرتۈپ بەرسە، ئارتۇقچە تەرلەشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

2) موزىنى سوقۇپ بەدەنگە سۈرتۈپ بەرسە ياكى ئىچىپ بەرسە، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

3) گۈلقەننى مەلۇم مۇددەت ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ھەددىدىن زىيادە تەرلەشنى يوقىتىپ، بەدەننى قۇۋۋەتلەندۈرىدۇ.

4) ئېرىتىپ ساپلاشتۇرۇلغان گۈڭگۈرت مېيىنى سوقۇپ، بەدەنگە سۈرتۈپ بەرسە تەرلەشنىڭ ۋە سېسىق پۇراقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

5) كاۋاۋىچىننى سوقۇپ بەدەنگە سۈرتۈپ بەرسە، تەرلەشنى يوقىتىپلا قالماستىن يەنە بەدەندىكى زەئىپلىك، كەم ماغدۇرلۇقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا دائىم ئىككى پۇتنى ئالماپ ئولتۇرۇش سالامەتلىككە زىيانلىق تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى نېمىشقا بەزىلەر «ئورۇن تاللايدۇ» توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .