دائىم ئىككى پۇتنى ئالماپ ئولتۇرۇش سالامەتلىككە زىيانلىق


1. دائىم ئىككى پۇتنى ئالماپ ئولتۇرىدىغانلارنىڭ كۆپىيىش ئەزاسىنىڭ سالامەتلىكى ئاسانلا تەسىرگە ئۇچرايدۇ. بۇنداق بولۇشتىكى سەۋەب، دائىم ئىككى پۇتنى ئالماپ ئولتۇرغاندا جىنسىي ئەزالارنىڭ قان ئايلىنىشى توسالغۇغا ئۇچراپ، نورمال قان ئايلىنالماسلىق سەۋەبىدىن بىر قىسىم جىنسىي كېسەللىكلىرى كېلىپ چىقىدۇ.

2. ئاسانلا چېكىنىش خاراكتېرلىك بوغۇم ياللۇغى كېلىپ چىقىدۇ. چۈنكى دائىم ئىككى پۇتنى ئالماپ ئولتۇرغاندا، قان ئايلىنىش توسالغۇغا ئۇچراپلا قالماستىن، بەلكى يەنە بوغۇملار ئارىسىدىكى سۈركىلىش كۈچى ئارتىپ كېتىدۇ. نەتىجىدە ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشسا بوغۇملارنىڭ چېكىنىش خاراكتېرلىك بوغۇم ياللۇغى كېلىپ چىقىدۇ.

3. ئىككى پۇتنىڭ ۋېنا تومۇرلىرى بىسىمغا ئۇچراپ، ئاسانلا ۋېنا تومۇرلار ئەگرى – بۈگرى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

4. ئەگەر ئۇزۇن ۋاقىت ئىككى پۇتنى ئالماپ ئولتۇرغاندا، ئىككى پۇتى ئىگىلىپ «O» شەكىلگە كېلىپ قىلىش خەۋپى بار.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا بارماقنى دائىم ھەرىكەتلەندۈرۈپ بەرگەندە... تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ھەددىدىن زىيادە تەرلىگەندە... توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .