ئېلىخان ھەزرىتىم مۇدىر ۋىراچ 1887-يىلى لوپ ناچىيىسىنىڭ يورۇڭقاش بازىرىدا تېۋىپ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن 1897-يىلىدىن 1912-يىلىغىچە دىنىي مەكتەپتە ئوقۇغان ، چوڭ بولغاندن كېيىن  ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى چۈشىنىپ يېتىپ  ، دادىسى سېيىت ئەخمەتخانغا شاگىرىت بولۇپ ،تېبابەتچىلىك بىلىملىرىنى ئۆگەنگەن ۋە تېبابەتچىلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان


ئېلىخان ھەزرىتىم مۇدىر ۋىراچ . 1887-يىلى لوپ ناچىيىسىنىڭ يورۇڭقاش بازىرىدا تېۋىپ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . 1897-يىلىدىن 1912-يىلىغىچە دىنىي مەكتەپتە ئوقۇغان ، چوڭ بولغاندن كېيىن  ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى چۈشىنىپ يېتىپ  ، دادىسى سېيىت ئەخمەتخانغا شاگىرىت بولۇپ ،تېبابەتچىلىك بىلىملىرىنى ئۆگەنگەن ۋە تېبابەتچىلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان . بۇ مەزگىلدە خاسلا ئۇيغۇر تېلى -يېزىقى بىلەن بولۇشنىڭ چەلىك بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ ، ئوردو ، پارىس ، ئەرەب ،  تۈرك تىللىرىنى ۋە يېزىقلىرىنى ئۆگەنگەن . كېيىن پاكىستانغا بېرىپ 1942-يىلىغىچە موللا ئابدۇلھەي ساھابىدىندىن مەخسۇس تېبابەتچىلىك ئىلمىنى ئۆگىنىپ ۋە قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ ، ئۆزىنىڭ تېبابەتچىلىك جەھەتتىكى نەزىرىيىۋى بىلىم ۋە ئەمەلىي داۋدالاش تېخنىكىسنى مۇكەممەللەشتۈرگەن . 1942-يىلى پاكىستاندىن قايتىپ كېلىپ ، 1958-يىلىغىچە ئۆز ئالدىغا داۋالاش ، ئىز باسار يېتىشتۈرۈش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان . ئۇ نۇرغۇن ۋاقىتنى چىقىرىپ كىشىلەرنىڭ ئىشىك ئالدىغا بېرىپ كېسەل داۋالاپ ، خەلىق ئاممسىنىڭ ھۆرمىتىگە ، پارتىيە ۋە خەلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە غەمخورلۇقىغا ئېرىشكەن . 1954-يىلى خوتەن ۋىلايتىدە ئېچىلغان ئۇيغۇر تېبابەت خادىملىرىنىڭ غەرب تېبابەتچىلىكىنى ئۆگىنىش كۇرسىغا قاتىنىشپ ، غەربچە داۋالاش ئىلمىنىمۇ مەخسۇس ئۆگەنگەن .

1956-سوتسىيالىستىك ئۆزگىرىش داۋامىدا ، ئېلىخان ھەزرىتىم لوپ ناھىسىنىڭ يورۇڭقاش بازىرىدىكى يەككە تېبابەتچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان تۆت نەپەر كىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ ئۇيغۇر تېبابەت بىرلەشمە ئامبۇلاتورىيىسىى قۇرۇپ ، نۇرغۇن كېسەللەرنى قوبۇل قىلىپ ، ياتاقتا ياتقۇزۇپ  داۋالاپ ، پارتىيە ، ھۆكۈمەتنىڭ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن . ئېلىخان ھەزرىتىم 2 يىل ئاشۇ شىپاخانىنىڭ مەسئۇلى ۋە باش تېۋىپى بولۇپ ئىشلىگەن .

1976-يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك سەھىيە ئىدارىسى ۋېلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دوختۇرخانىنىڭ باش تېۋىپى قىلىپ يۆتكىگەن ۋاقتىدا ، تەشكىلنىڭ بۇ قارارىنى ئاكتىپلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ ، شىپاخانىدىكى پىشقەدەم تېۋىپلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كەمتەرلىك بىلەن قوبۇل قىلىپ ، كەسپىي قابىلىيىتىنى تېخىمۇ ئۆستۈرگەن .

پارتىيە 11-نۆۋەتلىك 3- ئومۇمىي قۇرۇلتاي يېغىنىدىن كېيىن ئېلىخان باشقىدىن روھلىنىپ ، تېخمۇ تىرىشىپ ياخشى ئىشلىگەن . 1983-يىلى ئۇيغۇر تېبابەت بويىچەمۇدىر ۋراچلىق ئۇنۋانى بېرىلگەن . 1983-يىلى مەملىكەت بويىچە ئىلغار تېببىي خادىم بولۇپ سايلانغان ، سەھىيە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن مۇكاپاتلانغان . ئاپتونۇم رايون ھەم ۋىلايەتنىڭ ئىلغار ئىشچىسى بولۇپ باھالىنىپ ، سەككىز قېتىم سىياسىي جەھەتتە رىغبەتلەندۈرۈشكە ۋە ماددىي جەھەتتىن مۇكاپاتلىنىشقا ئېرىشكەن . ئۇ ، پارتىيە - ھۆكۈمەتنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىغا ئېرىشپ ، بىيجىڭ ،شاڭخەي، تيەنجىن قاتارلىق توققۇز ئۆلكە -شەھەرلەردە ئۆگىنىش ، ئېكىسكۇرسىيە ھەم تەجرىبە ئالماشتۇتۇش  ئېلىپ بارغان ھەمدەچوڭ يىغىنلاردا تەجرىبە تونۇشتۇرغان . ئۇ ، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن سائەت 2~3 كىچە ئوخلىماي كىتاب كۆرۈش ، ئىلمىي ئەسەر يېزىش بىلەن شۇغۇللانغان .

<<ئۇيغۇر تېبابەت ئاناتومىيىسى>> ، <<ئالدىمىزدىن ئۆتكەن تەكرار كېسەللىك دورىسى >> ، تېبابەتچىلىك نەزىرىۋى ئاساسىي>>قاتارلىق تېببىي ئەسەرلەرنى يازغان .

1981- يىلى ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرى << شىنجاڭ گېزىتى>>دە ، تونۇشتۇرۇلغان . 

خوتەندە ئۆتكەن ئاتاقلىق تېۋىپلار كىتابىدىن ئارىيە


بۇ مەزكۈر سەھىپىمىزنىڭ ئەڭ يېڭى ماقالىسى . ياكى تەجەللى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .