چوڭ مېڭە ياقتۇردىغان يېمەكلىكلەر

چوڭ مېڭە ياقتۇردىغان يېمەكلىكلەر

يەر ياڭىقى قاتارلىق تەركىبىدە پانىتوتىنىك كىسلاتا مىقدارى مول بولغان يېمەكلىكلەر ئەستە قالدۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ .پانىتوتنىك كىسلاتا«ۋىتامىن B5» نى تۇخۇمنىڭ سېرىقى ۋە پۇرچاق تەركىبىدىكى لېتىىتىننى بىللە ئىستېمال قىلغاندا ئەستە قالدۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ . كالا ، قوي جىگىرى تەركىبدىمۇ ۋىتامىن B3مول بولۇپ ئەستە قالىدۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش رولى بار . تەركىبىدە پاتتونىك كىسلاتا مول بولغان يېمەكلىكلەردىن يەر ياڭىقى، پۇرچاق

ئۇيۇتمىسى ، غولپىياز كۈدە ۋە چېچەككۆك قاتارلىقلار بار.

نومى گۈرۈچى قاتارلىق تەركىبىدە ۋىتامىن B1مول بولغان يېمەكلىكلەر مېڭىنى سەگەكلەشتۈرىدۇ .ۋىتامىن B1گىلوكوزىنى ئېنىرگىيەگە ئايلاندۇرۇپ ، ئادەم بەدىندە كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن پەيدا بولغان ھارغىنلىق ھېس قىلىش ، جىددىيلىشش ،دىققىتنى يىغالماسلىق قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ .

بانان قاتارلىقتەركىبدە ۋىتامىن B6مول يېمەكلىكلەر كەيپىياتنى كۆتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ .

چوڭ مېڭە نېرۋا ھۈجەيرىلىرىدىكى ۋىتامىن B6مىقدارى كۆپ بولسا ئادەم بەدىندە بېسىم پەيدا بولغاندا ۋىتامىن B6نى سەرپ قىلىش ئارقىلىق چارچاشنى تۈگىتىدۇ .. ناۋادا ئادەم بەدىندە ۋىتامىن B6كەم بولسا ئادەم خامۇشلۇق كېسلىگە گىرىپتار بولىدۇ . تەركىبىدە ۋىتامىنB6مول بولغان يېمەكلىكلەردىن بانان ، يېسى پۇرچاق ، پالەك ، كۈدە ، چېچەككۆك ، كاللەك يېسىۋىلەك قاتارلىقلار بار .

مايمۇن شاپتۇلى قاتارلىقتەركىبىدە ۋىتامىن cمول بولغان يېمەكلىكلەر جىددىيلىششنى يوقتىشقا پايدىلىق ۋىتامىنcچوڭ مېڭىدىكى نېرىپلارنىڭ يەتكۈزۈش ، بىرىكىش جەريانىدا مۇھىم رول ئويناپ، ئەسەبىيلىشش كېسلىنىڭ ئاسارىتنى يەڭگىلتىشكە پايدىلىق ، تەركىبىدە ۋىتامىن cمول بولغان

مېۋىلەردىن ئاپېلسىن ، بۆلجۈرگەن ، مايمۇن شاپتۇلى ، ئانار ، چىلان قاتارلىقلار بار.

سۈتتىن ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدىكى مول كالتىسىي چارچاشتىن كېينكى جىددىيلىكنى پەسەيتىشكە پايدىلىق .

كالتىسىي تەبئىي بولغان روھىي كەيپىياتىنى تىنچىتىش دورىسى ھېسابلىندۇ . كالتىسىي نېرىپلارنى ۋە مۇسكۇللاردىكى ھۈجەيرىلەرنى بوشاشتۇرىدۇ ، ناۋادا ئادەم بەدىندە كالتىسي كەم بولسا مۇسكۇل يىگلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . تەركىبىدە كالتىسي مىقدارى مول بولغان يېمەكلىكلەردىن بېلىق سۈت ، قېتىق ، ئېرىمچىك قاتارلىقلار بار.

چوڭقۇر دېڭىز بېلقى قاتارلىق تەركىبىدە ئادەم بەدىنى زۆرۈر ئېھتىياجلىق بولغان ياغ كىسلاتاسى مول يېمەكلىكلەر چوڭ مېڭىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ چوڭ مېڭىدە نۇرغۇنلىغان نېرۋا ھۈجەيرىسى بار .ئۇچۇرلارنى يەتكۈزىدىغان ھۈجەيرە پەردىسى ياغدىن تۈزۈلگەن ، ناۋادا بۇخىل ياغ يېتەرلىك بولمىسا نېرۋا ھۈجەيرىسنىڭ ئۇچۇر قوبۇل قىلىش ۋە ئۇچۇر يەتكۈزۈش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچىرايدۇ ، بۇنىڭ بىلەن چوڭ مېڭىنىڭ خىزمەت ئىقتىدارىمۇ چېكىنىپ كېتىدۇ . تەركىبىدە ياغ كىسلاتاسى مول بولغان يېمەكلىكلەردىن قوناق ئاپتاپپەرەس يېغى قاتارلىق ياغلار بار.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا سۇنۇق ئاغرىقلارغا باب يىمەكلىكلەر تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى يۇمغاقسۈت ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرىدىكەن توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .