سۇنۇق ئاغرىقلارغا باب يىمەكلىكلەر

سۇنۇق ئاغرىقلىرى تۇتۇپ ئەسلىگە كىلىشى ئۈچۈن،ئۇزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭلىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ ئىلمىي ئۇزۇقلانسا،تۇقۇلمىلارنىڭ ئەسلىگە كىلىشىنى تېزلىتەلەيدۇ. بىلىش كېرەككى،سۆڭەك سۇنغاندىن كىيىن ئىنىرگىيە ھەسسلەپ خورايدۇ،شۇڭا بەدەن ئىھتىياجلىق ئاقسىل،ياغ،كاربون-سۇ بىرىكمىسى،ۋىتامىن ۋە مىنرال ماددىلارنىڭ سۈمۈرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىنسا،بۇلۇپمۇ ئاقسىلنىڭ قۇبۇل قىلىنىشى تېزلىتىلسە،بەدەنگە كېرەكلىك ئىنىرگىيەنىڭ تۇلۇقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
 

ئەمەلىيەتتە سۇنۇق ئاغرىقلىرىغا ماس كىلىدىغان يىمەكلىك ناھايتى كۆپ،شۇنداقتىمۇ كالىتسىي،ۋېتامىن ۋە مىنرال ماددىلاردىن مىس،سىنىك،تۆمۈر،مانگان قاتارلىقلارنى تۇلۇقلايدىغان، تالا ماددىسى كۆپ يىمەكلىكلەردىن كۈنجۈت،سۈت ۋە پۇرچاق ياسالمىىللىرى،ئارپا،تۇخۇم سېرىقى،دېڭىز مەھسۇلاتلىرى،ھەسەل،يەنە مىۋە كۆكتاتلاردىن دولانا،چىلان،مايمۇن شاپتۇلى،بۆلجۈرگەن،ئاپلىسىن،بانان،كەرەپشە،كۈدە،شوخلا،مۇچ،كاۋىلارنى تاللاپ يەپ،سۆڭەكنىڭ تۇتۇشىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان تۇز ۋە شىكەرنى ئاز يىسە،ھاراق ئىچمىسە ھەم تاماكا چەكمىسە،سۇنۇقنىڭ تېز ساقىيىشىغا تۈركە بولغىلى بولىدۇ.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ھەسەل سۈيىنىڭ شىپالىق رولى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى چوڭ مېڭە ياقتۇردىغان يېمەكلىكلەر توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .