1) ئىككى گرام زەمچە بىلەن ئۈچ گرام كۆكتاشنى ئارىلاشتۇرۇپ، كىچىك قا


1) ئىككى گرام زەمچە بىلەن ئۈچ گرام كۆكتاشنى ئارىلاشتۇرۇپ، كىچىك قازاندا ئاق مونەكچە بولغۇچە قورۇپ تالقان قىلىپ، پوستى ئېلىنغان بىر يېرىم گرام يادەنزىگە قوشۇپ ئېزىپ، ئاندىن ئازراق سۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ خېمىر ھالىتىگە كەلتۈرۈش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن دورا تەييار بولىدۇ.

قاداقنىڭ ئوتتۇرىسىنى بېرتىۋىدا ئويۇپ، ئويۇلغان جايغا تەييارلانغان دورىنى سېلىپ تېڭىپ قويۇش لازىم. بۇ ئۇسۇلنى بىر قانچە كۈنگىچە داۋاملاشتۇرۇشقا بولىدۇ.


2) ئازراق ھەسەل ھەرىسى يېلىمى (ھەرە بېقىش ئورنىدا سېتىلىدۇ)نى قاداققا چاپلاپ پلاستېردا تېڭىپ قويغاندا، قاداق بىر ھەپتىدە چۈشۈپ كىتىدۇ.


3) ئادەتتىكىدىن ھوڭراق ئاياغ سېتىۋىلىپ، ئاياغقا 0.5-0.7سانتىمېتر قېلىنلىقتىكى پېتەكنى سېلىپ، پۇتتىكى قاداققا (پېتەككە ئىز چىقىرىش ئۈچۈن) يود سۈركەپ، ئاندىن ئاياغنى كىيىپ پېتەككە ئىز چىقىرىپ، پېتەكنىڭ ئىز چۈشكەن يېرىنى ئويۇپ ئېلىۋىتىپ، پېتەكنى ئاياغقا سېلىپ، ئاياغنى بىر مەزگىل كىيگەندىن كېيىن قاداق ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كېتىدۇ.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا كۆيۈكنى داۋالاشنىڭ ئۈچ رىتسىپى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى سىيگەك بالىلارنى داۋالاشنىڭ بەش رىتسىپى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .