1) پوستى سويۇۋىتىلگەن بىر جىڭ سامساقنى ئېزىپ، سامساقنىڭ شىرنىسىنى

1) پوستى سويۇۋىتىلگەن بىر جىڭ سامساقنى ئېزىپ، سامساقنىڭ شىرنىسىنى چىقىرىپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى ئاق شىكەر بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، ھەرقىتىمدا بىر قوشۇقتىن، كۈندە ئۈچ ۋاخ ئىچىپ بەرگەندە، بۇنىڭ ئۈنۈمى ئادەتتىكى يۆتەل توختىتىش دورىلىرىنىڭكىدىن يۇقۇرى بولىدۇ.


2) ئىلى سۆرۈنجان تالقىنىدىن 25گرام، ھەسەلدىن 500گرام، زەنجىۋىلدىن 150گرام تەييارلاپ، بۇ دورىلارنى كۇرۇشكىغا تۆكۈپ، كۇرۇشكىنى سۇ قۇيۇلغان قازانغا سېلىپ، قازاننى قازاندىكى سۇ ئاز قالغۇچە قاينىتىش كېرەك. بۇ دورا كۈنىگە 1-2 قېتىم، ھەرقىتىمدا بىر قوشۇقتىن ئىچىپ بىرىلسە يۆتەل توختايدۇ.

 

3) توخۇنىڭ بىر دانە ئۆتى بىلەن بەش دانە چىلان سۇدا قاينىتىلىپ، كۆك يۆتەل بولۇپ قالغان بالىلارغا كۈنىگە بىر قىتىمدىن ئۇدا بەش كۈن ئىچۈرۈلسە بولىدۇ.


4) توخۇنىڭ بىر دانە ئۆتىنى مۇۋاپىق مىقداردا شىكەر بىلەن قوشۇپ، بالىغا بىر قانچە كۈنگە بۆلۈپ ئىچۈرگەندە، كۆك يۆتەل توختايدۇ.


5) ئىككى كىلوگرام قارا كۈنجۈتنى قورۇپ پىشۇرۇپ، 200گرام ئاق ھەسەل، 200گرام سوقۇلغان ناۋات بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، ئاندىن سۈيى بىلەن تىرىپى چىقىرۋىتىلگەن 200گرام ھۆل زەنجىۋىل قاينىتىلغان سۇغا قوشۇپ قوچۇش كېرەك.

بۇ دورا ئەتىگەن ۋە كەچتە بىر قوشۇقتىن ئىچىپ بېرىلسە، ياشانغانلاردىكى يۆتەل توختايدۇ، دەم سىقىلىش ياخشىلىنىدۇ.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا باشتىكى كىپەكنى يوقىتىشنىڭ ئىككى رىتسىپى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى زۇكامنى داۋالاشنىڭ بەش رىتسىپى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .