كۈلكە تەنگە داۋا! بۇ ئەلمىساقتىن قالغان ئەڭ ئاددىي ئەمما ئەڭ ئۈنۈملۈك تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇلىدۇر

   راك كېسەللىكى : نورمال ئادەم تېنىدە كۈنلۈكى مەلۇم مىقداردا راك ھۈجەيرىلىرى پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ . ئادەم تېنىدىكى ‹‹تەبئىي ئۆلتۈرگۈچى  ھۈجەيرىلەر›› راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھەقىقىي دۈشمىنى . تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە ، ئىچى – ئىچىدىن كۈلۈش بىر قىسىم گېنلارنى ياخشى بولغان ئىپادىلەشكە ئىگە قىلىپ ، ‹‹تەبئىي ئۆلتۈرگۈچى ھۈجەيرىلەر››نىڭ پائالىيىتىنى تەڭشەيدىكەن ، شۇڭا راك كېسىلى ئاغرىقلىرىغا نىسبەتەن كۈلكە ئەڭ ئۈنۈملۈك دورا . شۇنداقلا ئۇ ئادەتتىكى كىشلەردىكى راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىمۇ زور ئەھمىيەتىمۇ بار .

   يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى بارلار : قاتتىق كۈلۈش قان تومۇرلارنى كېڭەيتىپلا قالماي ، يەنە ئىچكى ئەزالارنى قان بىلەن تەمىنلەيدۇ . بۇ خىك ئۈنۈم  ھاۋالىق ئورۇندا چېنىقىشقا قارىغاندا ، يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماي ، كۆپ ساندىكى يۈرەك كېسىلى ئاغرىقلىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگىمۇ مەنپەئەت قىلىدۇ .

   بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار : تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە ، بىر قىسىم كومېدىيىلىك كىنو كۆرگەندىن كېيىن ، ئانىلارنىڭ سۈت سۇيۇقلۇقىدىكى قوڭۇررەڭ  گورمۇن ئۆرلىگەن . تېرىسى زىيادە سېزىمچانلىققا ئىگە بوۋاقلار بۇ خىل سۈتنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن زىيادە سېزىم رېئاكسىيىسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن .

   دىئابىت ئاغرىقلىرى : مۇتەخەسسىسلەر دىئابىت ئاغرىقلىرى تاماقتىن كېيىن كۈلۈپ بېرىشى كېرەك . چۈنكى كۈلكە ئېلىپ مۇسكۇللارنىڭ ھەرىكىتى ۋە نېرۋا  ئىچكى ئاجراتمىنىڭ ئۆزگىرىشى قان قەنتىنىڭ ئۆرلىشىنى توسىدۇ ، دەپ كۆرسەتتى .

   بەدىنى ئاجىزلار : كۈلكە ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ ، گورمۇننى ياخشىلاپ ، مۇسكۇل ، سۆڭەك ۋە ئىچكى ئەزالارغا مەنپەئەت قىلىدۇ 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا قان ئېلىپ داۋالاش پەيتلىرى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق .