قان ئېلىپ داۋالاش پەيتلىرى

1) قەمەرىيە  (ھىجرىيە) ئېيىنىڭ بېشىدا قان ئېلىنمايدۇ، چۈنكى بۇ چاغدا خىلىتلارنىڭ ھەرىكىتى يۇقىرى باسقۇچتا بولىدۇ. ئاينىڭ ئاخىرىدىمۇ قان ئېلىنمايدۇ، چۈنكى بۇ چاغدا خىلىتلارنىڭ ھەرىكىتى ئەڭ تۆۋەن باسقۇچتا بولىدۇ. بەلكى ئىككى ئوتتۇرىسىدا ئالغان مۇۋاپىق ھېساپلىنىدۇ، بۇ چاغدا نۇرمال ھالەتتە بولىدۇ.

2) بەدەندىن قان ئېلىپ داۋالىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى ھىجرىيە ئېيىنىڭ 17-، 19-، 21-كۈنلىرى.

3) ناشتىدىن بۇرۇن قان ئېلىش داۋادۇر، تاماقتىن كېيىن قان ئېلىش جازادۇر، ئاينىڭ 17 سى شىفادۇر. قاننىڭ قاينىشى، قوزغىلىشى ئۆلۇمدۇر.

4) چارشەنبە كۈنى، شەنبە كۈنى قان ئېلىش زىياندۇر، پېسە ـ بەرەس تەيياردۇر، پەيشەنبە، جۈمە، شەنبە، يەكشەنبىسى ياماندۇر، دۈشەنبە، سەيشەنبە ئالساڭ ئاماندۇر
 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا يۇقىرى قان بېسىمنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئوزۇقلۇق بىلەن داۋالاش تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى كۈلكە شىپا بولىدىغان كېسەللىكلەر توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .