بەلغەم خىلىتى پۈتۈن بەدەننى سۇيۇقلۇق بىلەن تەمىنلەش ، ماددىلارنى پارچىلاش ، ئېرىتىش ، ئېقىتىش ، زەھەرسىزلەندۈرۈش، قاننى تولۇقلاش، بوغۇملار ھەرىكىتى ۋە ئەزالارنىڭ ئارىلىقلىرىنى تولدۇرۇپ ، سۈركىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، ئارتۇق ماددىلارنى قان ئېقىمىغا يەتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۆتەيدۇ تەبىئىتى ھۆل سوغۇق ، تەبىئەت دۇنياسىدىكى ۋەكىلى سۇ

بەلغەم خىلىتلىق كىشىلەر ئېغىر – بېسىق ، سېزىملارغا نىسبەتەن ئىنكاسى تۆۋەن ، كىشىلەر بىلەن ئانچە يېقىنلاشمايدۇ . ئۇيقۇچان كېلىدۇ ، سىياسى ئىشلارغا ۋە باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا قىزىقماي ئۆز ئىشى بىلەنلا بولىدۇ.

تەپەككۇرى ئاستا ،ئۇنتۇغاق ، بېراق مۇقىم قاراشقا ئىگە . مۇقىم ۋە تەرتىپى ئېنىق بولغان مەشغۇلات خارەكتىرىدىكى خىزمەت قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ ، رەھبەرلىك تۇيغۇسى تۆۋەنرەك بولىدۇ.

قىياپىتى خام سېمىز ، چىرايى ئاققا مايىل ، گەۋدىلىك .

تېرىسى ئاق ، يۇمشاق ، سىلىق ، پارقىراق بولىدۇ. سېزىملارنى ئاز سېزىدۇ . تېرە ئاستى ماي قاتلاملىرى تەرەققىي قىلغان بولىدۇ.

تىلى ئۈستىدە ئاق سۈزۈك گەز بار بولۇپ ، ئېغىزى تەمسىز كېلىدۇ.

سۆز ئالاھىدىلىكى : سۆز قىلغاندا ئاشۇ ، ئاۋۇ ، چۇ . ھە …دېگەندەك قۇشۇمچىلارنى قۇشۇپ سۆزلەيدۇ، سوئال بولمىسا گەپ قىلمايدۇ.

يىمەك – ئىچمىكى : گۆشكە ئامراق ، تۇزلۇق مايلىق يېمەكلىكلەرنى ياخشى كۆرىدۇ . كۆكتات ۋە سۇيۇقلۇقلارنى ئانچە ياخشى كۆرمەيدۇ . تاماقنى ئاستا ۋە كۆپ يەيدۇ ، قورسىقى ئاچسا چىدىمايدۇ .

خەت- يېزىق ئالاھىدىلىكى : خەتنى چوڭ ، قۇر ئارىلىقىنى يېراق ، ئاستا ، چىرايلىق ، كۆركەم يازىدۇ. يازىدىغان نەرسىلەردىن زېرىكمەيدۇ.

يول مېڭىشى : ئەتراپتىكى كىشىلەرگە دىققەت قىلمايدۇ . سەپەردىشى بىلەن يۆلىنىپ ياكى قولتۇقلىشىپ مېڭىشنى ياخشى كۆرىدۇ، سەپەر ئۈستىدە كۆپ گەپ قىلمايدۇ .

كىشىلىك مۇئامىلىسى : كىشىلەرگە ئاسانلا سۇغۇق چىراي كۈرۈنۈپ قالىدۇ . بېراق ئاق كۆڭۈل ، ساددا بولۇپ ، باشقىلار بىلەن ئاسانلا چىقىشىپ قالىدۇ ھەم باشقىلارغا ئاسانلا ئالدىنىپ قالىدۇ . باشقىلارنى رەنجىتىشنى خاھلىمايدۇ . تەۋەككۈلچىلىكتىن خالىي بولىدۇ ۋە ئىرادىسى بوشراق كېلىدۇ .

سۆھبەت جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئاسانلا ئاشكارىلاپ قويىدۇ .

دوستلۇقنى قەدىرلەيدۇ ، ئىناۋىتىنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ .

ئۇيقۇسى كۆپرەك ، تولا ئەسنەيدۇ .

ھالەت ئۆزگىرىشى : ئىنكاسقا نىسبەتەن دەرھاللا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلالمايدۇ ياكى ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمايدۇ .

تۇرمۇش ئادىتى : تۇرمۇش رېتىمى ئاستىراق بولسا ، ناھايىتى تەرتىپلىك بولىدۇ ، تىز بولسا سۆرىلىپ ھېرىپ قالىدۇ ، باشقىلارغا تايىنىپ ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ ، بۇزۇقچىلىق قىلىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ.

ئىللىتى : ۋەزىيەتنى ۋە ئېھتىياجنى دەل ۋاقتىدا چۈشىنىپ كېتەلمەيدۇ ، ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتى ئېغىر ، ھەر ئىشنىڭ ناچار تەرىپىنى چوڭ ھېسابلايدۇ .

كېسەللىككە مايىللىقى : ئۆپكە كېسەللىكلىرى ۋە رېماتىزم قاتارلىقلارغا مايىل كىلىدۇ ، ھاۋا تۇتۇق كۈنلىرى كۆڭلى يېرىم بولىدۇ .

كۈتۈنۈشى : ھاراق –شاراب ۋە سۇيۇق نەرسىلەر زىيان قىلىدۇ . شۇڭا قۇرۇق ئىسسىق ۋە دورا دەرمانلىق تاماقلار خىل كېلىدۇ .

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار : يازدا ئىسسىق ۋە قىشتا سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەرنى يەپ بەرسە پايدىلىق .

پايدىلانغان ماتىرىيال : ئۇيغۇر تېبابىتى قىسقىچە پسىخولوگىيىسى( ئەخمەتجان ئىسمايىل)


ئالدىنقى ماقالىمىزدا قان خىلىتى ۋە قان خىلىتلىق كىشىلەر ھەققىدە تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى سەۋدا خىلىتى ۋە سەۋدا مىزاجلىق كىشىلەر ھەققىدە توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .