قان خىلىتى ئۇمۇمىي بەدەنگە ئىسسقلىق ۋە سۇيۇقلۇق يەتكۈزۈپ بېرىش، ساپ ھاۋانى پۈتۈن بەدەنگە يەتكۈزۈپ ، بۇزۇق ھاۋانى سىرتقا چىقىرىش، ، بەدەندە ئايلىنىپ يۈرۈپ ، ھەر خىل رەڭ ماددىلىرى ۋە دورىلارنىڭ تەسىرىنى ئەۋەتىش، زىيانلىق ماددىلارنى تەر ۋە بۆرەك ئارقىلىق سىرتقا چىقىرىۋېتىش، بەدەننى ئىسسىتىش تەسىرىگە ئىگە تەبىئىتى ھۆل ئىسسىق ، تەبىئەت دۇنياسىدىكى ۋەكىلى ھاۋا

بۇخىل مىزاجدىكى كىشىلەر خۇشخۇي كىلىدۇ.

تەپەككۇرى ئوتتۇراھال، ئەستە تۇتۇشى يۇقىرى بولىدۇ، يەنە دوراش ۋە كۈچۈرۈش ئالاھىدىلىكىمۇ يۇقىرى .

قىياپىتى: بەدەن تۈزۈلۈشى چىڭ ،غۇنچە بويراق، ئۇرۇق – سىمىزلىكى نورمال ، يۈز شەكلى كۆركەم، قىزغۇچ كۆرۈنىدۇ، كۆزى چوڭ ۋە نۇرلۇق كېلىدۇ.

تېرىسى: بۇغداي ئۆڭ ، قىزغۇچراق بولۇپ ، چىداملىقى ۋە ئەۋرىشىملىكى يۇقىرى بولىدۇ. يۇمشاق ، سىلىق ، پارقىراق كېلىدۇ.

سۆز ئالاھىدىلىكى : تىكىلىپ تۇرۇپ ، رېتىملىق سۆلىيەلەيدۇ ، قول ھەرىكىتى بىلەن سۆزىنى ماسلاشتۇرالايدۇ، ماختاش سۆزلىرىنى كۆپ قىلىدۇ.

يىمەك – ئىچمىكى: گۆش يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. قورسىقىغا بەك ئامراق.

يېزىق ئالاھىدىلىكى: خەتنى چوڭ ، ئىگىز قىلىپ يازىدۇ.

يول مېڭىشى: ئاستا ماڭىدۇ، بىر نەرسىنى ئويناپ مېڭىشنى ياخشى كۆرىدۇ، سەپەرداشلىرى بىلەن ئاسان چىقىشىپ قالىدۇ.

كىشىلىك مۇئامىلىسى: كىشىلەرنى جەلىپ قىلىشقا ماھىر، باشقىلارنى ئاسانلا ئۆزىگە ئىشەندۈرۈۋالىدۇ. ئۆزىدە ئىجادىي قابىلىيەت بولمىسىمۇ ، لېكىن دوراش ، باشقىلاردىن پايدىلىنىش ئارقىلىقلا ئۆزىنىڭ مۇددىئاسىنى راۋاجلاندۇرۇپ ئۆزلەشتۈرۈۋالىدۇ.

ئۆزىنىڭ مۇستەقىل قارىشى كەمرەك ، باشقىلارنىڭ ئىدىيىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىپ سۆزلەشكە ۋە يېزىشقا ئۇرۇنىدۇ . باشقىلارنىڭ ئىشىغا يۇشۇرۇن دىققەت قىلىدۇ ۋە بىلىشكە قىزىقىدۇ . سۆز – چۆچەك تارقىتىش ۋە ئارىنى بۇزۇۋېتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، باشقىلار سۆزلىگەندە دىققەت قىلمىغان قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ . ئېغىر بېسىملار ئىچىدە تۇرۇپمۇ دەبدەبىلىك پېتىدىن چۈشمەيدۇ.

ئۇيقۇسى: كۆپرەك ئۇخلايدۇ ۋە ئەسنەيدۇ.

ھالەت ئۆزگىرىشى : بىرەر ۋەقە ياكى سەزگۈگە يولۇققاندا ھېسداشلىق قىلىش كەيپىياتى تىزلا ئاشكارىلىنىپ قالىدۇيۇ يەنە قارشى تەرەپنىڭ ئەھۋالى ياخشىلانسا ، تاقابىل تۇرۇش ھېسسىياتىغا ئۆتىدۇ. كۈلگۈنچەك كۆرۈنىدۇ ، خاتىرجەم كۆرۈنگىنى بىلەن ئىچكى ھىسسىياتى دولقۇنلاپ تۇرىدۇ ، يۇشۇرۇن پىلان تۈزىدۇ،.

تۇرمۇش ئادىتى: تۇرمۇشى تەرتىپلىك ۋە نەرسىلىرى رەتلىك بولىدۇ ، جىنسىي ھەۋىسى كۈچلۈك بولىدۇ(شەھۋەتپەرەسرەك كىلىدۇ).

كېسەللىككە مايىللىقى : يۈرەك قان تۇمۇر كېسەللىكلىرىگە ۋە سۆڭەك ئۆسۈپ قېلىش قاتارلىقلارغا مايىل كېلىدۇ.

كۈتۈنۈشى : مايلىق ، كۈچلۈك تاماقلار زىيان قىلىدۇ . مىۋە – چىۋە ۋە يېشىل كۆكتاتلار پايدا قىلىدۇ.

ئىللىتى : گۇمانخور كېلىدۇ ، ھەتتا ئۆزىگىمۇ ئىشەنچ قىلالمايدۇ . ئۆزىنىڭ بەدىنى ۋە سالامەتلىكىدىن ئۇرۇنسىز ماختىنىپ داۋالىنىشنى ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ.

كەسپ ئالاھىدىلىكى : ھۇقۇق، ئاممىۋى مۇناسىۋەت ۋە پۇل مۇئامىلە ساھەلىرىدە كۆپ ئۇچرايدۇ.

دىققەت قىلىدىغان تەرىپى: كۆپ خىل قىزىقىشنى يېتىلدۈرسە ۋە ھەر خىل ماتىرىياللارنى كۆپ كۆرسە ئېسىل تەبىئەتلىك ئادەمگە ئايلىنالايدۇ.

پايدىلىنىلغان ماتىرىيال :
ئۇيغۇر تېبابىتى قىسقىچە پسىخولوگىيەسى (ئەخمەتجان ئىسمايىل)
ئۇيغۇر تېبابىتى ئاساسىي نەزەرىيە ئىلمى


ئالدىنقى ماقالىمىزدا سەپرا خىلىتى ۋە سەپرا مىزاجلىق ئادەملەر تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى بەلغەم خىلىتى ۋە بەلغەم مىزاجلىق كىشىلەر توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .