ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۇزاق زامانلاردا تۇرمۇش كەچۈرۈش جەريانىدا شىپالىق گىياھلار، مەدەنلەر، ھايۋانات ئەزالىرى ئۈستىدە ئەتراپلىق كۆزىتىش ۋە ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىپ ئۇلارنىڭ زىيانلىق ياكى زىيانسىز، پايدىلىق ياكى پايدىسىز تەرەپلىرىنى پەرق ئېتىپ، تەدرىجىي تونۇپ يېتىپ ئۇنىڭ شىپالىق تەسىرى بويىچە ھەرخىل كېسەللىكلەرنى داۋالاش جەريانىدا بارلىققا كەلگەن ھەمدە ئۇنى بىز ئەۋلادلارغا قالدۇرۇپ كەتكەن بىز بۈگۈنكى كۈندە، شۇ نۇسخىلار ئارقىلىق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، داۋالاپ كېلىۋاتىمىز

 

  جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ،ئۇيغۇر تېبابىتى بەلگىلىك داۋالاش باسقۇچىغا يەتكەندىن كېيىن، ھەر خىل كېسەللىكلەرنى بولۇپمۇ مۇرەككەپرەك كېسەللەرنى بىر خىل يەككە دورا بىلەن داۋالاشتىن، ئىككى-ئۈچ خىل بەلكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك دورىلارنى بىرلەشتۈرۈپ، داۋالاش تەدبىرلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.

   مەزكۇر بىرىكمىلەردىن ياسالغان دورىلارنى تەييارلاش ئۇسۇللىرى بىر قەدەر ئىپتىدائىيراق بولۇپ، ھازىر زامانىۋى يېڭى تېخنىكىلار قوللىنىلغانلىقتىن، دورىلارنىڭ سان ۋە سۈپەت ئۈنۈمدارلىقى يۇقىرى كۆتىرىلدى. ئۇيغۇر تېبابىتىمىزدە تارىختىن بۇيان كېسەل داۋالاشتا ئىشلىتىدىغان دورىلار، خام(يەككە)دورىلار ۋە پىششىق(مۇرەككەپ )دورىلار دەپ چوڭ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

   1.خام (يەككە)دورىلار دېگىنىمىز ئاساسەن تەبىئەت دۇنياسىدىن يىغىۋېلىنغان يالغۇز دورىنى ياكى دورا ئەشيالىرىنى ياساشتا ئىشلىتىدىغان خام ئەشيالارنى كۆرسىتىدۇ. خام دورا سۆزى قەدىمدىن تارتىپ تېبابىتىمىزدە قوللىنىلىپ ۋە شۇ بويىچە ئادەتلىنىپ ئاتىلىپ كەلگەن. خام دورا سۆزىنىڭ ئشلىتىلىشى ۋە كېلىش مەنبىيى مۇنداق: ياپونىيە ئالىملىرى فارماكوگۇنوزىيە(Pharmacognosy)نى خام دورا ئىلمىي، دىروگېن Drogen))نى خام دورا دەپ تەرجىمە قىلغان. مەملىكىتىمىزنىڭ تېببىي دورىگەرلىك ئىنىستىتوتلىرى مۇشۇ ئەسىرنىڭ20-يىللىرىدىن باشلاپ خام دورىگەرلىك دەرسلىكلىرىنى(生药学) دەپ ئاتاشقا باشلىغان. ھازىر خام دورا سۆزى تېببىي دورىگەرلىك، مائارىپ، پەن-تېخنىكا ئاپپاراتلىرى ئىچىگە سىڭىپ كىرىپ قوللىنىلماقتا. ئۇيغۇر تېبابەت دورىگەرلىك ئىلمى تەبىئەت دۇنياسىدىن ئېلىنغان ھەر خىل دورىلارنىڭ كېلىش مەنبىيى، سۈپىتى قاتارلىق بىلىملەرنى تەتقىق قىلىدىغان بىر پەن. ئۇ يەنە، دورىلارنىڭ ساپلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، كىلىنكىدا سىناق قىلىش، راست-يالغان دورىلارنى تەكشۈرۈپ ئايرىش ۋە زامانىۋى تەبئىي پەن يېڭىلىقلىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق دورا ئەشيالىرىنىڭ خىمىيىۋى تەركىبى ۋە فارماكولوگىيىلىك تەسىرىنى تەتقىق قىلىدۇ. بولۇپمۇ ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلاردىن ئېلىنىدىغان دورىلارنىڭ كېلىش مەنبىيى ۋە باشقا تەرەپلىرىنى ئىگىلىۋېلىشى ھەمدە ئىلىم پەن ئارقىلىق، دورا ئەشيالىرىنى ۋە ئۇنىڭ ياسالما سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، بىخەتەر ۋە ئۈنۈملۈك دورا ئىشلىتىشنى كاپالەتلەندۈرۈش، تەتقىقاتقا ئاساس سېلىشتىن ئىبارەت.1. خام (يەككە) دورىلار ئاساسەن ئۈچ مەنبەگە بۆلىنىدۇ. 1. ئۆسۈملۈك دورىلار2. ھايۋانات دورىلار3. مەدەن دورىلاردىن ئىبارەت. ئۆسۈملۈك دورىلار دېگىنىمىز، گۈل-چېچەك، يوپۇرماق، ياغاچ، مېۋە، يىلتىز، ئۇرۇق، قوۋزاق، يىلىم، ياغ، سۈت، شىرە، ئۇسارە قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. ھايۋانات دورىلار دېگىنىمىز، ھايۋانات ئىچىدىن ئېلىنىدىغان قانلىرى، گۆشلىرى، سۆڭەكلىرى، ماياقلىرى، ئۆتلىرى، تۇياقلىرى، مېڭىلىرى، ياغلىرى، جىگەرلىرى، مويلىرى، ئوغۇز سۈتلىرى، مۈڭگۈزلىرى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. 3. مەدەن دورىلار كان مەھسۇلاتلىرىدىن، تاغلاردىن ئېلىنىدىغان بولۇپ، مېتال جىنسلىق، تاغ جىنىسلىق، سۈرمە، تاش تۈرى، زۇمرەت، ئالماس، ھېقىق، شىڭراپ قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. لاي جىنسلىق دورىلاردىن، گىلى مەختۇم، گىلى ئەرمىنى، دېھقان لېيى ۋە باشقىلار.

   ئۇيغۇر تېبابىتىدە خام(يەككە) دورىلار بىر قانچە خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئۇلارنىڭ تەبىئىتى(مىزاجى)مەسىلەن، ئىسسىق-سوغۇق، ھۆل-قۇرۇق دېگەندەك بىر نەچچە خىل خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولۇپ، داۋالاشتا ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. 2. پىششىق(مۇرەككەپ) دورا دېگىنىمىز-كۆرۈنەرلىك داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە ۋە تەجرىبىدىن ئۆتكەن دورا نۇسخىلىرى(رېتسىپلىرىغا)ئاساسەن، بىر نەچچە ۋە ئۇنىڭدىن كۆپ قىسىم خام(يەككە)دورىلارنى كېسەلنىڭ مىجەزى، تەبىئىتىگە ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق، دورىلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى بويىچە مايىللاشتۇرۇپ ياكى قاينىتىپ سوقۇپ، چىلاپ، زەھىرىنى چىقىرىۋېتىپ، تېخنىكىلىق قائىدە-ئۇسۇللار بىلەن ھەر خىل شەكىللەردە ياساپ قۇتا، قاپ، خالتىلارغا قاچىلانغان، ئىشلىتىشكە قۇلايلىق، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك تەييار دورىلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇلارنىڭ شەكلى ئادەتتە ھەرخىل بولىدۇ. مەسىلەن، مەجۇن(خېمىر)لەر، قۇرس(تابلېت)لار، سوپۇپ(تالقان)لار، شەربەتلەر، ئەرەقىلەر، مايلار، زىمادلار شەكلىدە ياسىلىپ، ھەممىسى كېسەلنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئىستېمال قىلىنىدۇ. دېمەك، ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بار. كۆرۈنۈشتە دورىنى ئىستېمال قىلىپ تېز تەسىر قىلمىغان بىلەن ئۈنۈمى ئاستا-ئاستا بولىدۇ ۋە كېسەلنى تۈپ يىلتىزىدىن ساقايتىدۇ. كېسەل ساقايمىغان تەقدىردىمۇ، دورىنىڭ قۇۋۋىتى بەدەندە ساقلىنىپ تۇرۇپ بەدەنگە ئوزۇق بولىدۇ. ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنىڭ يۇقىرىقىدەك بەلگىلىك داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇشى تەكىتلىنىش بىلەن بىرگە ، چوقۇم بىخەتەر، سۈپىتى تۇراقلىق ، ئۇزۇن مۇددەت ساقلاشقا قۇلايلىق بولۇشتەك تەرەپلىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن بىمارلار دورا سېتىۋالماقچى ياكى كېسىلىنى كۆرسەتمەكچى بولسا چوقۇم سەھىيە ئورۇنلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن، مۇنتىزم داۋالاش ئورۇنلىرىغا بېرىپ داۋالىنىشى ۋە دورا سېتىۋېلىشى لازىم.

ئاپتور: ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى دورا بۆلۈمىدە


ئالدىنقى ماقالىمىزدا تېبابەتچىلىكىنىڭ پەلسەپە ئاساسى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى سەپرا خىلىتى ۋە سەپرا مىزاجلىق ئادەملەر توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .