قەدىمكى زاماندىكى مىھنەتكەش ئاتا- بوۋىلىرىمىز ئۇزۇن مۇددەتلىك تۇرمۇش ئەمىليىتى جەريانىدا ، تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھەر خىل شەيئىلەر ۋە ھادىسلەر ئارقىلىق ئوت ،ھاۋا ، سۇ ، تۇپراقتىن ئىبارەت كائىنات 4 چۇڭ ماددىسى ( ئاناسىر ئەربەئە ) نى كۇزەتكەن ، تونىغان ۋە تۆت چوڭ ماددا نەزىريىسىنى يارىتىپ ئۇنى تىبابەت ئىلمىنىڭ نەزىريىۋى تەلىماتى قاتارىدا قوللانغان

 

ئەجداتلىرىمىزنىڭ بۇ تۆت چوڭ ماددا تەلىماتىنى قەدىمكى يۇنان ئالىمى بەقرات ( ھېپپۇكرات ) ياش ۋاقتىدا قىرىم ئارىلدا ياشىغان ئەجداتلىرىمىز بولغان ساكلار دىن قۇبۇل قىلغان .ئۇندىن كىيىن ئەرەپلەر قۇبۇل قىلىپ تۆت ئەركان نامى بىلەن ئاتىغان . ئەمىليەتتە بۇ تۆت چوڭ ماددا تەلىماتى ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئىنسانىيەت مەدىنيىتىگە قۇشقان زور تۆھپىسى بۇلۇپ ھىساپلىندۇ.

تۆت چوڭ ماددا بىر- بىرىگە قارمۇ- قارشى ھەمدە بىر - بىرىنى تەقەززا قىلىدۇ. ئۇلار گەرچە جىسمى ، خۇسۇسىيىتى ، كەيپىياتى جەھەتتە بىر - بىرىگە ئوخشىمىسىمۇ لىكىن بىرى بولمىسا يەنە بىرى ئۆز رۇلى ۋە خىزمىتىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرالمايدۇ. مەسلەن ئۇسۇملۇكنىڭ ئۇنۇپ چىقىشى ، ئۆسۇشى ، تۆت چوڭ ماددىنىڭ مۇۋاپىق تەسىر قىلىشى بىلەن بۇلىدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش تۆت چوڭ ماددنىڭ بىرىكىشى ، ئۆزگەرىتكۇچى كۇچىنىڭ تەسىرى بىلەن ئورگان ھاسىل بۇلىدۇ. ھەمدە بۇ تۆت چوڭ ماددىنىڭ داۋاملىق تەسىر قىلىشى ۋە ئۆسۇش كۇچنىڭ قۇۋۋىتى بىلەن ئۇسۇپ تەرەققى قىلىدۇ.

تۆت چوڭ ماددنىڭ تەسىرى ئىنسان بەدىندە تۆت كەيپىياتنى بارلىققا كەلتۇرىدۇ. ئۇلار ئىسىقلىق ( ھارارەت ) ،ھۆللۇك ،سۇيۇقلۇق( روتۇبەت ) ، سوغاقلىق ( بۇرۇدەت ) ، قۇرۇقلۇق ( يوبۇسەت ) دىن ئىبارەت . بۇ خىل كەيپىياتلار ئىنسان ھاياتى ئۇچۇن كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئامىللاردۇر.

مەسلەن : بەدەندە ئىسىقلىق بولمىسا ئۇزۇقلۇق پىشمايدۇ. ( پارچىلانمايدۇ) ، ھۆللۇك ، سۇيۇقلۇق بولمىسا ئۇزۇقلۇقلار شۈمۈرۇلمەيدۇھەم ھاياتلىقمۇ بولمايدۇ. قۇرۇقلۇق بولمىسا ، مىڭىنىڭ قوماندانلىق قىلىش كۇچى ئاجىزلىشىپ ئەقلى جايىدا بولماسلىققا ئوخشاش ئەھۋاللار كىلىپ چىقىدۇ. سوغاقلىق بولمىسا يۇرەكنىڭ خىزمىتى ياخشى بولمايدۇ.

1. ئوت

بۇ يەردىكى ئوت قۇياش ۋە ئادەتتىكى ئىسسىقلىق ، يۇرۇقلۇق مەنبەلىرىگە قارتىلغان بۇلۇپ ئۇ ئىنتايىن ئىسسىق ، شالاڭ ، رەڭسىز ، ئەڭ يەڭگىل ماددا بۇلۇپ تەبئىتى قۇرۇق ئىسسىق كېلىدۇ.

ئوتنىڭ ۋەزنى مۇتلەق يەڭگىل بولغاچقا دائىم يۇقىرى ئۆرلەيدۇ. يەرشارىنى قاپلاپ تۇرىدىغان ھاۋانىڭ ئۇستىدە تۇردۇ. ئوت ( قۇياش) 4 پەسىل ۋە كېچە - كۇندۇزلەردە يەر شارنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرغا مۇۋاپىق ئىسسىقلىق يەتكۇزۇپ تۇرىدۇ. ئۇجىددى قىزتىش ، جىسىملارغا ھارارەت ئۆتكۇزۇش ،پىشۇرۇش ، تەركىپلەرگە ئايرىش قاتتىق جىسىملارنى ئېرىتىپ ئۆزگەرتىش ، ۋە ماددىلارغا رەڭ بىرىش ، سۇ ۋە تۇپراقنىڭ سوغاقلىقىنى تەڭشەشتەك روللارنى ئوينايدۇ.

ئوت ئۇرۇن جەھەتتە ھەممىنىڭ ئۇستىدە بولغاچقا كەيپىياتى قۇرۇق ئىسسىق بۇلىدۇ.

2. ھاۋا

ھاۋا ۋەزنى جەھەتتە يەڭگىلرەك بولغاچقا ئوتتىن ئېغىر ، سۇدىن يەڭگىل كىلىدۇ. ئۇ مۇھىتتىكى بوشلۇقلارنى تولدۇردۇ.كۇننىڭ سۇغا ۋە تۇپراقنىڭ قاتلاملارغا بولغان زىيادە ھارارىتىنى پەسەيتىدۇ، بارلىق جاندارلارنىڭ تەبئى نورمال ھاياتىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

ھاۋا ئۇرۇن جەھەتتە ئوتنىڭ ئاستىدا ، سۇنىڭ ئۇستىدە تۇرغانلىقى ئۇچۇن كەيپىياتى ھۆل ئىسسىق بۇلىدۇ.

3. سۇ

سۇ _ ۋەزنى جەھەتتە تۇپراقتىن يەڭگىل ھاۋادىن ئېغىر بۇلۇپ ئۇ دۇنيادىكى ھايۋانات ۋە ئۇسۇملۇكلەرنىڭ ھاياتلىق پائالىيىتى ئۇچۇن كېرەكلىك بولغان ئۇزۇقلۇق ماددىلارنى تىگىشلىك ئۇرۇنلىرىغا يەتكۇزۇپ بىرىش ، سۇيۇلدۇرۇش ، ماددىلارنى ئىرىتىش ، ھەركەتلەندۇرۇش، ماددىلارنىڭ ئوت( ھارارەت ) تەسىردىن پارچىلنىپ بۇزۇلۇپ كىتىشىدىن مۇداپىئە قىلىش ، جانلىقلارنى ماددا ئالماشتۇرۇشى جەريانىدا ھاسىل بولغان كېرەكسىز ماددىلارنى ھەر خىل يوللار بىلەن ئېقىتىپ سىرىتقا چىقىرۋېتىش روللىرنى ئۆتەيدۇ.

سۇ ئۇرۇن جەھەتتە تۇپراقنىڭ ئۇستىدە بولغاچقا كەيپىياتى ھۆل سوغوق بۇلىدۇ.

4. تۇپراق

تۇپراق - ۋەزنى جەھەتتەمۇتلەق ئېغىرجىسىم بۇلۇپ قۇياشنىڭ ئىسىتىش ،قۇرۇتۇش ، سۇنىڭ بىرىكتۇرۇش ۋە پارچىلاش تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئۇ تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق جانلىق ۋە جانسىز شەيئىلەرنىڭ شەكىل سۇپىتىنى ساقلاپ تۇرۇش بىلەن بىرگە ئۇلارغا بولغان سۇنىڭ ئارتۇقچە ئىسسىقلىغىنى تەڭشەش ،بارلىق جانلىقلارغا زۆرۆر بولغان ئۇزۇقلۇقلارنى يىتەرلىك مىقتاردا ساقلاش ۋە بەزى نەرسىلەرنى پارچىلاش پىششىقلاش رۇلىغا ئىگە .

تۇپراق ئۇرۇن جەھەتتە ھەممىنىڭ ئاستىدا تۇرىدۇ. كەيپىياتى قۇرۇق سوغاق بۇلىدۇ.
 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئۇيغۇر تېبابەت نەزىريىسىدىكى ئالتە زۆرۆرىيەت تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .