يەنى ؛ساپ ھاۋا ، يىمەك - ئىچمەك ، ھەركەت - جىمجىتلىق ، ئۇيقۇ - ئويغاقلىق ، چىقىرىش - تۇتۇش ۋە روھىي ھالەتلەرنىڭ ساقلىقنى ساقلاشتىكى موھىم رولى ۋە ئەھمىيتى كىشىلەرگە بارغانسىرى ئۆز قىممىتىنى نامايەن قىلماقتا

 

ساپ ھاۋا:


ھاۋانىڭ ساپ بولىشى ساقلىقنى ساقلاشتىكى ئىنتايىن موھىم ئامىل ، شۇڭا مۇھىت تازلىقىنى ياخشىلاپ ھاۋانىڭ ساپلىغىنى قوغداش ، پەسىلگە قاراپ كىيىنىش ، ئۆي ھاۋاسىنى پات - پات يەڭگۈشلەش ، دەم ئېلىش كۈنلىرى ھاۋاسى ساپ جايلارغا بېرىپ ساياھەت قىلىش لازىم . ئادەتتە ساپ ھاۋالىق جايلاردا ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ تېنى ساغلام بولۇپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۈرىدۇ .

تەبىئەت دۇنياسىدىكى تۆت چوڭ ماددىنىڭ بىرى بولغان ھاۋا - روھنىڭ ئاساسى بولۇپ ھاياتلىق شەكىللەندۇرگۈچى ئاساسلىق ئامىل .

ئادەم ھەر قېتىم نەپەسلەنگەندە ئۆپكىسى ئارقىلىق ئوكسىگىننى قوبۇل قىلىپ كاربۇن تۆت ئوكسىدنى سىرتقا چىقىرىپ تاشلايدۇ . ھاياتلىق ئۈچۈن ساپ ھاۋانىڭ قانچىلىك موھىملىقىنى بىر قىسىم جىددىي كېسەللىكلەرنى تىز قۇتقۇزۇشتا تېخىمۇ چوڭقۇر ھىس قىلالايمىز .ئادەم ئۇزۇقسىز بىر ھەپتە ، سۇسىز ئۈچ كۈن ، ياشىيالىسىمۇ ، ھاۋاسىز بەش مىنىتمۇ ياشىيالمايدۇ . بۇنىڭدىن ھاۋانىڭ ئادەمنىڭ ھاياتى ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىگىنى بىلىۋالالايمىز .

شۇڭا ساغلام ياشايمەن دىگەن ئادەم ئالدى بىلەن ھاۋانىڭ ساپ ، پاكىز بولۇشىغا كۆڭۈل بۈلىشى ، بۇلغانغان ، چاڭ - تۇزانلىق ھاۋا ۋە مۇھىتتىن يىراق تۇرىشى لازىم

يىمەك - ئىچمەك :

ئۇلۇغ ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپ قۇتادغۇ بىلىك ناملىق شاھانە ئەسىردە : ئېغىزدىن كېرىدۇ ئاش بىلەن كېسەل، قېرىتۇر كىشىنى يېشىدىن ئەۋەل ؛ دەپ كېسەلنىڭ يىمەك - ئىچمەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىگىنى بىشارەت بەرگەن. يىمەك - ئىچمەك ، پۈتۈن بەدەننى ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلەپ ، ماددا ئالمىشىشقا قاتنىشىپ ھاياتنى ساقلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ . يىمەك - ئىچمەك ھاياتلىق ئۈچۈن 2 - ئۇرۇندا تۇرىدىغان مۇھىم شەرت .

شۇڭا ئۇزۇقلانغادا يىمەكلىكنىڭ ياخشى پىشىقان ، تازلىقىنىڭ ئۆلچەملىك قۇۋىتنىڭ يېتەرلىك ، مىقتارىنىڭ نورمال بولىشىغا كاپالاتلىك قىلىش لازىم .ئەتتىگەندە ياخشى يېيىش ، چۈشتە تويغۇچە يېيىش ، كەچتە ئاز يېيش پىرىنسىپىغا قاتتىق ئەمەل قىلش ،مۇۋاپىق ئۇزۇقلىنىش ، تاماق يىگەندە ياخشى چايناش ، ھەمىشە تويۇپ تاماق يىمەسلىك ، بەدەن ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۇزۇقلىنىش ، كەچتە تاماق يەپلا يېتىۋالماسلىق ، تاماقتىن كېيىن 10 - 15 مىنۇت ھەركەت قىلىش لازىم .

تاماقنى تەڭشەپ يېيىش ، بىر كۈن قۇيۇق تاماق يىسە بىر كۈن سۇيۇقراق تاماق يېيىش ، ئىسسىق تەبىئەتلىك تاماق بىلەن سوغوق تەبىئەتلىك تاماقنى تەڭشەپ يېيىش ، ھەر كىم مىزاجىغا ئاساسەن يەنى ئىسسىق مىزاجلار سوغوقلۇق تاماقنى ئاساس قىلىپ ، سوغوق مىزاجلار ئىسسىق تەبىئەتلىك تاماقلارنى ئۆز ئارا تەڭشەپ يېيىش لازىم .

ئاشقازاننىڭ ئاستى قىسمى تاماق بىلەن ، ئوتتۇرا قىسمى سۇ بىلەن تۇلىشى ، ئۈستى قىسمنى بوش قالدۇرلىش ، ئىچىدىغان ئىچىملىكنىڭ تازلىغى ياخشى بولۇشى لازىم .

ئەمگەك بىلەن دەم ئېلىش :

ئەمگەك بىلەن دەم ئېلىشنىڭ مۇۋاپىق بۇلىشىمۇ ساقلىق ساقلاشتىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ ، ئادەتتە دائىم چېنىقىدىغان ، جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىندىغانلارنىڭ بەدىنى چىڭ ، ئۆزى چاققان ، روھلۇق ، تىرىشچان بولۇپ تېنى ساغلام كېلىدۇ .

چېنىقمايدىغان ، جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانمايدىغان كىشىلەرنى تېنى ئاجىز ، ھورۇن ، بۇشاڭ ، ئۇيقۇچان ، سېمىز ، رەڭگى روھى خۇنىك بولۇپ بۇنداق كىشىلەر ئاسانلا پالەچ ، بۇۋاسىز ، يۇقرى قان بېسىم ، ھەرخىل ئىششىق ، قان ئازلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ .
ھەرقانداق ئادەم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ مۇۋاپىق ھەركەت ئۇسۇلنى تاللىشى لازىم . ئەقلىي ۋە جىسمانىي ئەمگەكنى ئۆزئارا مۇۋاپىق بىرلەشتۈرۈش ، ئەقلىي ئەمگەك بىلەن جىسمانىي ئەمگەكنى دەم ئالماي ئۇزۇنغىچە قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم .

ئۇيقۇ ۋە ئويغاقلىق :

ئۇيقۇنىڭ نۇرمال بولىشىمۇ ساغلاملىق ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم .مەلۇم تەتقىقات ئورنى ئۇيقۇ بىلەن ئوزۇقلۇنىشنى سېلىشتۇرماقچى بولۇپ . بىر تەرەپكە بىر تۈركۈم چاشقاننى قويۇپ ئۇزۇق بېرىپ قەتتىي ئۇخلاتمىغان ، يەنە بىر تەرەكە بىر تۈركۈم چاشقاننى قويۇپ ئۇزۇق بەرمەي تىنىچ ئۇخلاتقان . نەتىجىدە بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇخلىغان چاشقانلار ساق قېلىپ ، ئۇخلىمىغان چاشقانلار ئۆلۈپ تۈگىگەن .

يۇقۇردىكى تەجىربىدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدىكى ، ئۇيقۇ ئۇزۇقلىنىشتىنمۇ مۇھىم . نۇرمال ئۇيقۇ پۈتۈن بەدەننى ، ئەزالارنى ئارام ئالدۇردۇ ، ھاردۇق چىقىدۇ ، كۈچ - قۇۋەت توللۇقلايدۇ ،ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلايدۇ ، نېرۋىنى تىنىچلاندۇردۇ . ئەكسىچە ئۇيقۇنىڭ نورمالسىزلىغى باش ئاغرىش ، نېرۋا ئاجىزلىق ، ئورۇقلاش ، كۆز ئاغرىش ، پۇت - قول ئېغىرلىشىش ، زېھىنى تۆۋەنلەش قاتارلىقلارنى ھەم يۈرەك ، ئۆپكە كېسەللىكلىرنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ .

ئۇلۇغ ئالىم ئىبىنسىنا ، كۈندۈزدىكى ئۇيقۇ ياماندۇر ، ئۇ نەملىكتىن بولىدىغان كېسەللىكلەرنى ، نەزلە كېسەللىگىنى پەيدا قىلىدۇ . چىراينى بۇزىدۇ ، تالنى كاردىن چىقىردۇ . نېرۋىلارنى بوشاشتۇدۇ .ئىشتىھانى ئاجىزلاشتۇردۇ ،ئىششىق ۋە تۈرلۈك قىزىتمىلارنى پەيدا قىلىدۇ ، دەپ ئۇيقۇنىڭمۇ مۇۋاپىق بولۇش كېرەكلىگىنى ، ئارتۇقچە ئۇيقۇنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىگىنى تەكىتلەيدۇ .

چىقىرىش ۋە تۇتۇش :

ماددا ئالماشتۇرۇش ھاياتلىقنىڭ ئاساسلىق پائالىيەتلىرنىڭ بىرى بولۇپ ، بۇ تىبابەتتە چىقىرىش ۋە تۇتۇش دەپ ئاتىلدۇ .ئادەم بەدىنى ئوزۇقلۇق ماددا ، ھاۋا ، سۇدىن بەدەنگە كېرەكلىك قىسمىنى سۈمۈرۈپ ، كېرەكسىز قىسمىنى چىقىرىپ تاشلايدۇ ،كىرىم - چىقىمنىڭ نورمال بولۇشى ساغلاملىق ئۈچۈن ناھايتى موھىم بولۇپ ، بۇ تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلسا كېسەللىك كېلىپ چىقىدۇ .

چوڭ - كىچىك تەرەت قىلىش ، تەرلەش ، قۇسۇش ، ھەيىز كۆرۈش ، بەلغەم ، تۈكۈرۈك ، مەنىي چىقىرىش ...... قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى چىقىرىش بولۇپ ، بۇلار نورمىدىن ئېشىپ كەتسە بەدەن تەڭپۇڭلىغى بۇزۇلۇپ ، ئورۇقلاش ، بەدەن ئاجىزلىشىش ، قان ئازلىق ، سۇ يوقىتىش ، ھۇشسىزلىنىش ..... قاتارلىق يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ .

تۇتۇش نۇرمالدىن ئېشىپ كەتسىمۇ ئوخشاشلا قەۋزىيەت ، ھەيىز توختاش ، سۇيدۇك تۇتۇلۇش .... قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ قورساق كۆپۈش ، ئىشتەي تۇتۇلۇش ، قان قويۇلۇش ئىششىق ..... قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ .

بولۇپمۇ كۆپ مەنىي يوقىتىشتىن ئالاھىدە ساقلىنىش لازىم .بولمىسا ئادەم ئاسان قېرىپ كېتىدۇ ، ئەقلىي ، جىسمانىي جەھتتە تىز ئاجىزلايدۇ ، ئاسان قورۇق چۈشىدۇ ، چاچ - ساقال تېز ئاقىرىپ چۈشۈپ كېتىدۇ .

روھىي ھالەت :

ھىكايەت قىلنىشچە ،لوقمان ھەكىم ناھايتى ئۇستا بىر شاگىرتنى تەربىيلەپ چىققان ئىكەن ، لېكىن بۇ شاگىرتى مەنمەنچى ،تەكەببۇر چىقىپ قاپتۇ . ئۇ كىشىلەرگە : مەن بىلىمدە ئۇستازىمدىن ئېشىپ كەتتىم ، ئىشەنمىسەڭلار ئۇستازىم بىلەن سىنىشالايمەن ؛ دەپ يۈرۈپتۇ . بۇ گەپ پادىشاھنىڭ قولىقىغا يەتكەندىن كېيىن پادىشاھ بۇ ئۇستاز بىلەن شاگىرتنى ئىنتايىن كۈچلۈك زەھەر ياساپ چىقىپ ھەم بىر - بىرى ياسىغان زەھەرنى ئىچىپ يەنە شۇ زەھەرنى قايتۇرش ھەققىدە سىنىشىشقا بۇيرۇپتۇ . ئاۋال شاگىرت ناھايتى كۈچلۈك زەھەر ياساپ چىقىپتۇ . لوقمان ھەكىم زەھەرنى ئىچىپ خام سۈتنى ئىچىپ سۈت قاچىلانغان كوزىغا چۈشۈپ يېتىپ ھىچ نەرسە بولماپتۇ .

نۆۋەت لوقمان ھەكىمگە كەپتۇ . لوقمان ھەكىم باشقا شاگىرتلىرغا ھاۋانچىدا 41 كۈن دورا سوقتۇرۇپ بىر خىل سۇيۇقلۇق تەييارلاپ ساگىرتىغا ئىچىرۈپتىكەن ، شاگىرت شۇ زامان جان ئۈزۈپتۇ . ئەسلدە شاگىرتىغا ئىچىرۈلگىنى سۇ بولۇپ ، ئۇستازىم ناھايتى كۈچلۈك زەھەر تەييارلىدى دەپ بەك جىددىيلىشىپ قورقۇپ كەتكەچكە سۇنى ئىچىپلا ئۆلۈپ كەتكەن .

ئامېرىكىنىڭ داڭلىق پىسخولوگىيە ئالىمى دالې كارمېگ ئەپەندىمۇ ، كېسەللىكلەرنى 60 % روھى ئامىلنىڭ تەسىردىن كېلىپ چىقىدۇ دېگەن .
روھى ھالەتكە مۇناسىۋتلىك ئامىللار ساقلىق ئۈچۈن ناھايتى موھىم بولۇپ ، ئۇزۇن داۋام قىلغان دىققەتچىلىك ، غەم - ئەندىشە ، روھىي زەربە قاتارلىقلار ئادەمنى ئورۇقلىتىدۇ ، ئىشتەينى تۇتىدۇ ، نېرۋا ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ . مىجەزنى بۇزىدۇ ، يۈرەك ، قان تومۇر كېسەللىكلىرنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ.
 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا تىببى ئىلىم ھەققىدە(قابۇسنامەدىن) تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى تېبابەتچىلىكىنىڭ پەلسەپە ئاساسى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .