ئۇيغۇر تىبابەت دورىلارنىڭ شەكىللىرىنڭ ئاتىلىشى

 

dohtur.com/uploadfile/2011/0116/20110116091553211.jpg" style="width: 300px; height: 233px; " />

 

1-ھەب__ئاچچىق دورىلارنى ئىستىمال قىلىشتا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن،بەزى تەملىك نەرسىلەر بىلەن ئارلاشتۇرۇپ تەييارلانغان دورا شەكىلى.مەسىلەن:ھەببى كەھرىۋا...


2-مەجۈن__بىر قانچە دورىلارنى بەلگىلىك مىقداردە ئېلىپ،ھەر بىرىنىڭ خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەن مەخسۇس چارىلار بىلەن بىر-برىگە قۇشۇپ،ھەسەل قىياملار بىلەن قۇيۇق خېمىر ھالىتىگە كەلتۈرلىدىغان دورا شەكىلى.مەسىلەن:مەجۈنى ماددەتۇل ھايات...

3-چوڭ قۇرس__توقاچ دۇرىلارنى چوڭ تۈگمە ياكى تۇخۇمچە شەكىلدە تەييارلاپ،شۈمۈشكە بىرىلدىغان دورا شەكلى.مەسىلەن:قۇرسى خىرپە...

4-مەتبۇخ__قاينىتىلما.مەسىلەن:مەتبۇخى شاھتەررە...

5-كاشكاپ__دەملەنمە،قايناق سۇدا دەملەنگەن دورا سۈيى.

6-سۇفۇپ__يۇمشاق سۇقۇلغان تالقان دورا.مەسىلەن:سۇفۇپى كۈنجۈت...

7-سىركەنجىۋىل__سىركە ۋە ھەسەل ياكى شىكەر بىلەن ياسالغان چۈچۈك تەملىك دورا

8-لوئاب__يىلىم دورىلارنىڭ سۇدىكى ئېرىتمىسى.مەسىلەن:لوئابى ئسپىغول.

9-رۇب__ئۆسۈملۈك دورىلانى مۇناسىپ ئىرىتكۈچىلەرگە چىلاپ شىرنىسىنى چىقارغاندىن كىيىن سۈزۈپ ھارارەت تەسىرى بىلەن قۇيۇقلاشتۇرۇلۇپ ياسالغان دورا شەكلى.مەسىلەن:رۇببىسۇس...

10-جازىپ__(تارىتقۇچى)ئىسسقلىقى ۋە ساپلاش تەسىرى بىلەن نورمالسىز ماددىلارنى ۋە ۋە يات ھۆللۈكلەرنى ئۆزىگە تارتىپ چىقىرىپ تاشلايدىغان دورىلارنى كۆرسىتىدۇ.

11-سالايە__سۇيۇق مەلھەم(ئادەتتە سىرىتتىن ئشلىتىلدۇ)

12-شىرە__گۈل،چېچەك ۋە ئۇرۇقلارنىڭ شېرىسى.

13-زىمات__قۇيۇق ھالەتتىكى ياغ(مەلھەم)دورا.مەسىلەن:زىمادى سۇبات...

14-شىياف__مەقئەتكە قۇيۇش ئۈچۈن تەييارلىنىدىغان شامچە.مەسىلەن:شىيافى ئەييەز...

15-ھۆقنە__ئۈچەي ئارقىلق تەسىر كۆرسىتىش ياكى ئۈچەي ئارقىلىق ئۇزۇقلاندۇرۇش ئۈچۈن ياسىلدىغان سۇيۇق دورا.

16-قەترە__تېمىتىلدىغان دورا،كۆز بۇرۇن قۇلاققا تېمىتىش ئۈچۈن ياسىلىدۇ.

17-تەرياق__زەھەر قايتۇرغۇچى دورا ياسالمىسىنى كۆرسىتىدۇ.مەسىلەن:تەرياقى ئەقرەب...

18-نەشۇق__بۇرۇن چايقاشقا ئىشلتىدىغان سۇيۇق ياسالما.

19-غەسسال___ئەزالاردىن نورمال بولمىغان ماددىلارنى يۇيۇپ چىقارغۇچى دورىلار.

مەنبە:«ھاياتلىق»ژورنىلدىن.
 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكگە ئائىت ماقال-تەمسىل تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى تىببى ئىلىم ھەققىدە(قابۇسنامەدىن) توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .