ئەمگەكچان ,ئەقىل پاراسەتلىك خەلقىمىز ئۆزلىرىنىڭ ساقلىقنى ساقلاقلاش, كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جەھەتتىكى تەجىربىلىرى ۋە پەندى - نەسىھەتلىرىنى ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ بىر تۈرى بولغان ماقال - تەمسىللەر ئارقىلىق ئىپادىلەپ,ئۇنى ئېغىزدىن ئېغىزغا كۈچۈرۈپ , ئەۋلادتىن - ئەۋلاتقا داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن

 

بۇ ماقال - تەمسىللەر كۈچلۈك ئىلمىي ئاساسقا ۋە چوڭقۇر تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ,ئۆز زامانىسىدىلا ئەمەس بەلكى بۈگۈنكى كۈندىمۇ كىشىلەرنى تەربىيەلەش رۇلىنى ئوينىماقتا .

1) سالامەتلىك توغرىسىدىكى ماقال - تەمسىللەر:

ئەجدادلىرىمىز بۇرۇنلا سالامەتلىك ھەققىدە << تەننىڭ ساقلىقى - جاننىڭ راھىتى >><<تەن ساقلىق - پادىشاھلىق >>,<<تەن ساقلىق - زور بايلىق>>,<<ئاغرىق پادىشاھدىن ساق گاداي بولغان ياخشى>>دىگگدن يەكۈنلەرنى چىقارغان.ئەجدادلىرىمىز بۇ ئارقىلىق ساغلاملىقنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ساغلام بولغاندىلا ھەر قانداق ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقارغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن .

2)كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش توەرىسىدىكى ماقال - تەمسىللەر :

<<كىسەل ئېغىزدىن كىرەر>>,<<چىۋىن دىگەن مەينەت نەرسە,قونغان نەرسىنى يۇماي يىمە>>,<<ئىشىكنى ئاچ , تىنجىقتىن قاچ>>,<<تاماكىغا شەيتان كېپىل>>دىيىش ئارقىلىق كىسەل قوزغاتقۇچى مەينەت نەرسىلەرنىڭ ئېغىزدىن كىرىدىغانلىقىنى ,تازىلىققا رىئايە قىلىش كىرەكلىكىنى ,تاماكىنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرگەئائىت<<چېچەككتە چېكىلمىگەن قىزىلدا قىرىلار>>,<<چېچەكنىڭ ئېتى يامان ,قىزىلنىڭ يىلى(يامان)>>,<<بىر شاتىراق مۇزاي پادىنى بۇلغاپتۇ>>بۇ ئارقىلىق ئەجداتلىرىمىز بۇرۇنلا بۇ كىسەللەرنىڭ يۇقۇملۇق كىسەل ئىكەنلەكىنى تۇنۇپ يېتكەنلىكىنى كۈرىۋالغىلى بولىدۇ. كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر -<<كۈزۈڭ ئاغرىساقۇلۇڭنى تارت ,قۇرسىقىڭ ئاغرىسا نەپسىڭنى (تارت)>>,<<قوتۇرقولدىن يۇقىدۇ , تاز دوپپىدىن (يۇقىدۇ)>>بۇ ئارقىلىق تۇرمۇشتا دىققەت قىلىش كىرەك بولغان نوختىلار كۆرسىتىلگەن.

3) ئۇزۇقلۇققا ئائىت ماقال - تەمسەللەر:

<<ئاش بار يەردە ئاغرىق يوق>>,<<قۇرساقنىڭ ئاچقىنى , ئەقىلنىڭ قاچقىنى>>,<<ھەسەلنى جېق يىسەڭ ,ئەمەن تېتىيدۇ>>,<<قاغا جىگدىنى يىمەڭ , مەيدەم ئاغرىدى دىمەڭ>>بۇ ماقال تەمسىللەردە ئۇزۇقلۇقنىڭ كىشىلەر تۇرمىشىدا كەم بولسا بولمايدىغانلىقىنى شۇنىڭدەك مۇۋاپىق ئىستىمال قىلىش كىرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن .<<چاينىماي يىگەن, كۆشىمەي ئۈلەر>>,<<ئۇرۇقنىڭ كۆڭلى يۇرۇق>>,<<سىمىزلىك ئىككى پۇتقا نيۈك>>,<<ئاز يىگەن كۆپ يەر>> بۇلاردا تاماقلىنىش تەرتىپىنىڭ ياخشى بولماسلىقى ھەمدە زىيادە تۇيىنىپ تاماقلىنىشنىڭ ئوخشاش بولمىغان كىسەللىكلەرگە گىرىپتار قىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن .

4)كىسەللىككە ئائەت ماقال - تەمسىللەر:

<<كىسەلنى يۇشۇرساڭ ئۈلۈمۈڭ ئاشكارە>> بۇنىڭدا كىسەلنى ئۆز ۋاختىدا داۋالاش ,ئىتىبارسىز قارىماسلىق كىرەكلىكى كۆرسىتىلگەن. << تازدىن دىۋەڭ چىقماس,پۇخاقتىن ھۇشيار(چىقماس)>>بۇنىڭدا يۇد كەمچىلىكىنىڭ ئىقلى ئىقتىدارغا توسقۇنلۇق قىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلسە<<ئەمەنلىكتە ئەر ئۆلمەس , ئېرەنلىكتە ئات>>,<<سامساقنى يىسەڭ تىنىڭ ساق>>,<<چىشنىڭ دورىسى ئامبۇر, ئۆپكىنىڭ دورىسى چامغۇر>> بۇلار ئارقىلىق شىپالىق دورىلار كۆرسىتىلگەن.

5)مىزاج نەزىرىيەسىگە ئائىت ماقال تەمسىللەر:

<<سۇغۇقلۇققا مەككىدىن دورا ئېلىپ ئۈلگۈرەر , ئىسسىقلىققا تەكچىدىن دورا ئېلىپ ئۈلگۈرمەس>>بۇ ماقال تەمسىلدە ئۇيەۇر تىبابەت نەزىرىيىسىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولغان مىزاج ئۆزگىرىشى تۇتقا قىلىنغان . <<كۆزنىڭ ئىسسىقلىقىدا يۈز توڭماس, چىشنىڭ سۇغۇقلىقىدىن ئېغىز كۆيمەس>>بۇ ئەزالار مىزاجىغا ئاساسەن ئۇتتۇرغا قۇيۇلغان
 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئۇيغۇر تىبابەت دورىلارنىڭ شەكىللىرىنڭ ئاتىلىشى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .