ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى خېلىلا زور بۇ كەسىپ كەلگۈسىدە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە مۇھىم كەسىپلەرنىڭ بىرى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن

 


1. بۇ كەسىپنىڭ تارىخىي يىلتىزى چوڭقۇر. خەلقىمىز نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا، ئۆزى ياشىغان ماكانلارنىڭ جۇغراپىيىلىك شارائىتىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئىرسىي ئېتنىك شارائىتىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، بىرقەدەر ئىندىۋىدۇئاللىققا ئىگە كۈتۈنۈش ۋە داۋالاش سىستېمىسىنى، دورا تەييارلاش، ياساش ئۇسۇلى جەھەتلەردە بىرقەدەر مۇكەممەل ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەن. شۇڭا ئۇ ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا كارخانىلىشىشقا تېزرەك يۈزلىنىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

2. ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە كارخانىلىشىشقا تېز يۈزلىنىدىغان ئالاھىدىلىك بار. بىرىنچىدىن، ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ دورا ياساش جەريانى سېپى ئۆزىدىن سانائەت ئىشلەپچىقىرىش جەريانىغا تەۋەدۇر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتا زور ئىلگىرىلەشلەر بولدى، ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ تېخىمۇ ئىلغار، زامانىۋى ئۈسكۈنىلەر بىلەن جابدۇنۇشى بۇ كەسىپنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىدىغان سانائەت ئامىلى بولۇپ قالدى. ئىككىنچىدىن، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ سانائەتلىشىشى مۇشۇ كەسىپنىڭ سانائەت كەسپى ئاساسىدىكى بىئوتېخنىكىدىن ئىبارەت يۇقىرى پەن – تېخنىكا كەسپىگە يۈرۈش قىلىشىدىكى مۇھىم كەسىپ ئاساسى بولۇپ قالدى. كەلگۈسىدە يۇقىرى پەن – تېخنىكا بىلەن كەڭ ۋە تېز دائىرىدە چېتىلىدىغان كەسىپنىڭ بىرى تېبابەت كەسپىدۇر. ئۈچىنچىدىن، تېبابەتچىلىك خەلقىمىزنىڭ ئىقتىسادىي پائالىيەت دائىرىسىدە پاتېنت ھوقۇقىنى ئەڭ كۆپ ئالغىلى بولىدىغان كەسىپلەرنىڭ بىرىدۇر. تېبابەت كەسپىنىڭ تېخنىكا ئامىللىرى ئۇزاق تارىخىي جەرياندا ئاممىۋى يوسۇندا مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن، بىراق ئۇنىڭ تېخنىكىلىق ئۆلچەملىرى تېخى خەلقئارالىق ئۆلچەم بويىچە رويخەتكە ئېلىنمىغان، شۇڭا ھەرقايسى كەسىپلەردىكى مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئەقلىي مۈلۈك زاپاس تۈرلىرىگە نىسبەتەن ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئاساسلىق كەسىپ بوشلۇقلىرىنىڭ بىرىدۇر. تۆتىنچىدىن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇر تېبابىتى كەسپىگە يۈرۈش قىلغان كارخانىلار نەچچە ئونغا يەتتى، بۇنداق كارخانىلارنىڭ كۆپىيىش قەدىمى تېزلەشتى. بۇنداق كارخانىلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ بارلىققا كەلگىنىگە ئۇزاق بولمىغان بولسىمۇ، ئۇلار ئىلغار ھۈنەر – تېخنىكىلارنى قوللىنىپ، تېز روناق تاپتى.

3. ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ داۋالاش مېخانىزمى ھازىر دۇنيادا تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان داۋالاش ئۇسۇلىغا ماسراق كېلىدۇ. خەلقئارا مېدىتسىنا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىق جەھەتتىكى تەتقىقاتىنى بارغانسېرى تەبىئىيلىككە يېتەكلىمەكتە. بۇ جەھەتتە ئەنئەنىۋى، تەبىئىي دورا ماتېرىياللىرىنى ئاساس قىلغان ئۇيغۇر تېبابىتى بىرقەدەر ئۈنۈملۈك كەسىپ ئارتۇقچىلىقىغا ۋە تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئىگە. ئومۇمىي نۇقتىدىن ئالغاندا، ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ مۇشۇنداق دەۋر ئېقىمىغا ماس كېلىشى ئۇنىڭ خەلقئارا ئىستېمال بازىرىنى ئېچىشقا نىسبەتەن بەزى ئەۋزەللىكلەرنى ھازىرلىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە مەيلى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بازاردا بولسۇن، كارخانىلار ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت كۆپىنچە كارخانىلارنىڭ يادرولۇق تېخنىكىسى ئۈستىدىكى رىقابەتتە ئىپادىلىنىۋاتىدۇ. كارخانىلار ئىلغار تېخنىكىغا ئىگە بولغاندىلا، بازار رىقابىتىدە ئەۋزەل ئورۇنغا چىقالايدۇ.

4. زاڭزۇ قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر تېبابەت دورىلىرىنىڭ ئېلىمىز بازىرىدىكى مۇۋەپپەقىيىتى ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ دۆلەت ئىچى بازىرىغا ئومۇميۈزلۈك يۈزلىنىشىنى بىرقەدەر ئۈنۈملۈك كەسىپ تەرەققىيات ئەندىزىسى بىلەن تەمىنلىدى. ھازىر زاڭزۇ تېبابەت دورىلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان، پاي چېكى بازارغا سېلىنغان كارخانىدىن ئۈچى، كارخانا گۇرۇھىدىن 30 نەچچىسى بار. شۇڭا دورا ئىشلەپچىقىرىش مەنبەسى ۋە كلىنىكىلىق ئۈنۈمى جەھەتتە خاس ئەۋزەللىككە ئىگە ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭمۇ ئېلىمىز بازىرىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئىمكانىيىتى زور.

(ئاپتور شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى)
 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئۇيغۇر تېبابىتى ( مۇخەممەس ) تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكگە ئائىت ماقال-تەمسىل توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .