تۇرغۇن يىلتىزپۇتۇن ئالەمدە شۆھرەتلىك ، چىۋەر ئۇيغۇر تىبابەتتە ،مەئىشەت، ئۇلى سەنئ

تۇرغۇن يىلتىز



پۇتۇن ئالەمدە شۆھرەتلىك ، چىۋەر ئۇيغۇر تىبابەتتە ،
مەئىشەت، ئۇلى سەنئەتلىك ، ئىجاد يۇكسەك پاراسەتتە،
داۋالاش كۇچى قۇدراتلىك ، سىرى رېتسىپ ، كارامەتتە ،
ئەجرى تۆھپىدە نۇسرەتلىك ، ھامان كاتتا ئىناۋەتتە ،
ئىگە تارىخقا ھۆججەتلىك ، تازا، ئىلمى لاياقەتتە .

قاچانكى ، تەندە ئەجدادلار كېسەللىك ھەم يارا تاپتى ،
شۇنىڭدىن سۇڭرە، ئىزدەشنى ئامال ، چىن مۇددىئا تاپتى ،
ھاياتلىق جىسمىنى بايقاپ ، سۇ، ئوت،،تۇپراق، ھاۋا تاپتى،
سوغوق ،ئىسسىق، قۇرۇق، ھۆل ئىلكىدە ھەركىم شىپا تاپتى ،
خالاسكار يۇلتۇزى چاقناپ كۆكى تۇرلۇك تەبىئەتتە.

خىلىتلار تەلىماتى :قانۇ،سەپرا،سەۋدا، بەلغەمدۇر،
يەنە مەزمۇنى روھ،قۇۋۋەت،مىزاج ، ئەزامۇ ھەمدەمدۇر،
تولا توم- توم دىۋانلاردا داۋا چەشمىسى زەمزەمدۇر ،
ساۋاق - تەجىربە ئوكيانى ،رىسالە مىسلى ئەزەمدۇر ،
يېشى ئۇچمىڭغا ئۇلاشقان ئىلىمدۇر بۇ مۇشاقەتتە .


تىۋىپ ،ئەمچى، باھادىر ئاتاساغۇنلارغا تىپ غازىباي ،
جىۋا، كۇمراجىۋا، گەنجۇقاغىن ، باشلاقنى كۆر ، ئايھاي!
ئەبۇ ناسىر فارابى ھەم ئىبىنسىنا ، تارىم .... نۇر- ئاي ،
خوتەنىي ، قەشقەرىي ، ھاجىپ ، مۇرات ... يوللىرى ھاڭغىرقاي!
خەزىنە بولدى تەۋەرۇك مىسرالاردىن بالاغەتتە .


<<كاتولوگلار >>، <، مۇجەررەپ نۇسخىلار >> قالدى سادىرمىشتىن
ھەدىيە<< دەستۇرۇلئىلاج >> ، شۇ سۇلتان ئەلى دانىشتىن ،
ياراتتى << تەجىرباتى تىببىيە >> ئوسمان ئىجاد - ئىشتىن ،
تەجەللى پۇتتى << رىتسىپلار >> دىبان توپلام كەچۇرمىشتىن ،
مۇھەممەد ئىىتىرا ئەتتى << ... قۇلۇپ >> لارنى جاسارەتتە ...


يېقىن تارىختا ئەجمەلخان ، يۇسۇپ تۇردى ... ياشاپ ئۆتتى ،
باياخۇن ، ئەمەت ھاجى ، ھەزرىتىم ... ناملىق جاناپ ئۆتتى ،
ئەزەمخان ، ئەمچى سامساقباي ...كېسەللەرگە قىماپ ئۆتتى ،
مۇتىللا، ئاخۇنۇم، ئىنايتۇلللا ... دىن ساۋاپ ئۆتتى ،
يۇسۇپ ئابدۇلھىمىد نادىر ئەسەر يازدى پاساھەتتە ...

سىناق - تەجىربىلەر ئازمۇ زامانى تەيپۇنەملەردىن ؟!
نەمۇنە ئۈلگىلەر كەممۇ كىلاسسىك ، پىشقەدەملەردىن ،
قۇت ئاتتى كۇنسىرى ئۇشبۇ كەسىپ سانسىز تۆلەملەردىن ...
دەرىخ ! قانچىسى ئۆتكەندۇر باھادىر مۆھتىرەملەردىن ،
بېغىشلاپ ئۆمرىنى ئەل بەختىگە چەكسىز ھىدايەتتە ؟...

سوراپ قالساڭ : ئىلىم ئۇيغۇر تېبابەتتە يۆلەك ،دەيدۇ ،
مۇرەككەپ يەككە ئەزاغا بۈلۇش تەننى كېرەك دەيدۇ،
تەئەللۇق يەككىگە مۇسكۇل ، تۇمۇر، پەي،چاچ،سۆڭەك... دەيدۇ،
مۇرەكككەپكە مىڭە،ئۆپكە، جىگەر، بۆرەك، يۇرەك، ... دەيدۇ،
رەئىس ھەم خادىمى ئەزا تۇتار جاننى نازارەتتە ...

تىۋىپلار ككپ كېسەللەكنى چىرايلاردىن قاراپ بىلگەي ،
تۇمۇر تۇتماق ئاجايىپ سىر ، ئاسارەتنى پۇراپ بىلگەي ،
بەدەنلەرنى تۇتۇپ سىلاپ يەنە ئەھۋال سوراپ بىلگەي ،
ئىدىتلاپ چىقرىندى ماددىنى ، توغرا، روياپ بىلگەي ،
ئىلىم ئەھلىگە ئىنساننىڭ جىمى تۇرقى بىشارەتتە ...

داۋالاش ئۆزگىچە : روھى ئالامەتلەر مىزانغا باش،
ھاۋا يۆتكەش ، قۇۋۋەت ساقلاش، قۇياشنىڭ نۇرىغا قاقلاش،
قېلىش ھۆقنە ، چۇشۇش ئارشاڭۇقۇمغا، ئۇۋلاش ، داغلاش،
تېڭىش، دەستىكار ،ئۇرۇش نەشتەر، قۇيۇش لوڭقا، بېرىش ئوتياش ،
مۇدام بىسيار ئۇسۇل ئۇزرە سالامەتلىك كاپالەتتە ،


ئۇسۇملۇك ھايۋانات ، مەدەن تۇمەن خىل دورىغا ئەشيا ،
قىيام، شەربەت، ئەرەق، كاشكاپ، سۇفۇف ، سىركەنجىۋىل ئۇختا،
جاۋارىش ، ئىتتىرفىل ، مەجۇن، لوئوق، ھەب، قۇرسى،.. جان گۇيا ،
زىماد، مەتبۇخ ، خېمىر، مەلھەم، ئايارەج ھەم مۇھىم تۇتقا ،
شىپادۇر ھەممىسى ، ئەكىس تەسىرى يوقتۇر ئىجابەتتە .

ھاياتلىق بولسا كەڭ ئاسمان ، تىبابەت ئۇندىكى چولپان،
نە چولپانكى ، جىمى - روھ- جان ياشارغان گۇل ، چىمەن بوستان
يارالغان مۆجىزە چەندان يېشىللىققا جاھان ھەيران ،
بۇيۇك مەسئۇليەت ، ۋىجدان يىلىك مەركىزىدە ئىنسان،
ئۇنىڭ يىلتىزى ئۆزلۇك- قان ،سۇرەر دەۋران كامالەتتە .



ئەسلى مەنبە :<< جۇڭگۇ مىللەتلىرى >> ژورنىلى 2005- يىللىق 5- سان


ئالدىنقى ماقالىمىزدا قۇرۇق سوغۇق مـىـزاج كـىـشـىـلـەرنىــڭ ئالامـەتـلـىـرى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .