قۇرۇق سوغاق مىزاج كىشىلەرنىڭ بەدىنى خېلى چىڭ، لېكىن ئورۇغراق، بەدەنلىرى سوغاقراق،

    قۇرۇق سوغاق مىزاج كىشىلەرنىڭ بەدىنى خېلى چىڭ، لېكىن ئورۇغراق، بەدەنلىرى سوغاقراق، تېرە ئاستى ماي قاتلاملىرى ئاز تەرەققى قىلغان بولىدۇ. ئۇيقۇسى ئازراق بولىدۇ.

بۇ مىزاجدىكى كىشىلەرنىڭ تۇغما مىزاجى بىلەن ئەمىلى ھاياتىدىكى خۇلقى ۋە روھى ھالەتلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا سەۋدايى مىجەزى كۈچلۈك، ئاستا تەسىرلىنىدىغان، خىيالپەرەس، قورقۇنچاق، خىيالى ھېسسىياتى كۈچلۈكرەك بولغاچقا ئەمەلىيەتتىن يىراق پىكىرلەرنى قىلىدۇ.

ئەقىل پاراسىتى، توغرا پىكىر قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنرەك، سەلبىي پىكىرلەرگە ھەم روھى ئازاب چېكىشكە مايىلراق كېلىدۇ.

ئادەتتە كىشىلەرگە ئارلىشىشنى خالىمايدىغان بولغاچقا روھى كېسەللىكلەر ۋە نېرۋا خاراكتېرلىك يۈرەك كېسەللىكلىرى بىلەن كۆپرەك ئاغرىيدۇ.

سەۋدا مىزاج كىشىلەرنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا قان، بەلغەم، سەپرا ماددىلىرىنىڭ غەيرى تەبىئىي ئۆزگىرىشلىرىنىڭ ئاخىرقى مەھسۇلى سەۋدا خىلىتىگە مەنسۇپ بولغاچقا داۋالاش نەتىجىسى ئىنتايىن ئاستا بولىدۇ.

سەۋدا خىلىتىنى پىشۇرۇپ (يېتىلدۈرۈپ) بەدەندىن سۈرۈپ چىقىرىشقىمۇ كۆپ كۈچ سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. 

 شۇنى ئەستە تۇتۇش لازىمكى، يۇقىردا ئوتتۇرغا قويۇلغان ئىنسانلارنىڭ رەڭگى- رويى، ئۇنىڭ تەبىئىي مىزاجلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرگە نىسپى نوقتىنەزەردە قاراش، مۇتلەقلەشتۈرۈپ قارىماسلىق كېرەك.

چۈنكى يەر شارىنىڭ ھەرقايسى ئىقلىم ۋە جۇغراپىيلىك مۇھىتىدا ياشىغانلارنىڭ رەڭگى- رويىغا ئالاقىدار تەبئىي سۈپەتلىك پەرقلەرنى نوقۇل ھالدا ئۇلارنىڭ ئەسلى تەبىئىي مىزاجىغا بىرلەشتۈرۈپلا قاراش، كېسەللىك دىئاگونوزىدا خاتالىقلارنى ئېلىپ كىلىدۇ.

كېسەللەرنى تەكشۈرۈش ۋە تەشخىس قىلىشتا مىزاج ھالىتى ئەلۋەتتە كۆزدە تۇتۇلىدۇ. لېكىن ئۇنى كېسەل پەيدا قىلغۇچى سەۋەبلەرنىڭ ئاساسى تەرىپى دەپ قاراپ، شۇنىڭغىلا تايىنىپ ئىش كۆرۈشكە بولمايدۇ.

دېمەك، كىشىلەرنىڭ تەبىئي مىزاجى بىلەن ئۇنىڭ رەڭگى- رويىنىڭ بىرلىگىگە نىسپى ھالدا قاراش كېرەك. 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ھۆل ئىسسىـق مـىـزاج كـىـشـىـلـەرنىــڭ ئالامـەتـلـىـرى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئۇيغۇر تېبابىتى ( مۇخەممەس ) توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .