ھۆل سوغاق مىزاج كىشىلەرنىڭ رەڭگى ئاق سۈزۈك، لەۋلىرى تومراق، تېرە ئاستى ماي قاتلام

 ھۆل سوغاق مىزاج كىشىلەرنىڭ رەڭگى ئاق سۈزۈك، لەۋلىرى تومراق، تېرە ئاستى ماي قاتلاملىرى كۆپ، بەدىنى سۈزۈك يۇمشاق ھەم سوغۇقراق بولىدۇ.

بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ تۇغما مىزاجى بىلەن ئەمەلىي ھاياتىدىكى خۇلقى- مىجەزى ۋە روھى ھالەتلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ كۆرگەندە، بۇ خىلىدىكى كىشىلەر ئېغىر بېسىق، بىغەم، ھەرقانداق ئىشقا ئاسان تەسىرلەنمەيدىغان كېلىدۇ. يەنى سىرتتىكى تەسىراتلارغا قوزغىلىشى ناھايىتى ئاستا، قوزغىلىشتىن كېيىنكى ئەسلىگە قايتىشىمۇ ئاستا بولىدۇ.

جىسمانىي ۋە ئەقلى جەھەتتە ھۆل ئىسسىق مىزاج كىشىلەرگە قارىغاندا ئاجىزراق كېلىدۇ.

بۇ مىزاجدىكى كىشىلەرگە ئادەتتە ھۆل سوغاق ( مەسىلەن: سۇيۇق ئاش، ھۆل مېۋە- چىۋىلەرگە ئوخشاش) غىزالار يامان تەسىر قىلىدۇ.

قۇرۇق ئىسسىق (مەسىلەن: ئات گۆشى، زاغۇن يېغىغا ئوخشاش) غىزالار مەنپەئەت قىلىدۇ.

بۇ مىزاجدىكى كىشىلەر ئادەتتە كۆپرەك سوغۇقتىن بولىدىغان كېسەللىكلەر بولۇپمۇ بوغۇم ئاغرىقلىرى (مۇپاسىل)، پالەچ كېسەللىكلىرى بىلەن كېسەللىنىدۇ. ئەمما داۋالاشنى ئاسان قوبۇل قىلىدۇ.

 شۇنى ئەستە تۇتۇش لازىمكى، يۇقىردا ئوتتۇرغا قويۇلغان ئىنسانلارنىڭ رەڭگى- رويى، ئۇنىڭ تەبىئىي مىزاجلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرگە نىسپى نوقتىنەزەردە قاراش، مۇتلەقلەشتۈرۈپ قارىماسلىق كېرەك. 

چۈنكى يەر شارىنىڭ ھەرقايسى ئىقلىم ۋە جۇغراپىيلىك مۇھىتىدا ياشىغانلارنىڭ رەڭگى- رويىغا ئالاقىدار تەبئىي سۈپەتلىك پەرقلەرنى نوقۇل ھالدا ئۇلارنىڭ ئەسلى تەبىئىي مىزاجىغا بىرلەشتۈرۈپلا قاراش، كېسەللىك دىئاگونوزىدا خاتالىقلارنى ئېلىپ كىلىدۇ.

كېسەللەرنى تەكشۈرۈش ۋە تەشخىس قىلىشتا مىزاج ھالىتى ئەلۋەتتە كۆزدە تۇتۇلىدۇ. لېكىن ئۇنى كېسەل پەيدا قىلغۇچى سەۋەبلەرنىڭ ئاساسى تەرىپى دەپ قاراپ، شۇنىڭغىلا تايىنىپ ئىش كۆرۈشكە بولمايدۇ. 

دېمەك، كىشىلەرنىڭ تەبىئي مىزاجى بىلەن ئۇنىڭ رەڭگى- رويىنىڭ بىرلىگىگە نىسپى ھالدا قاراش كېرەك. 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئۇيغۇر تېبابىتى تېرە كىسەللىكلەر ئىلمى توغرىسىدا چۈشەنچە تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى قۇرۇق ئىسسىق مىزاج كىشىلەرنىڭ ئالامەتلىرى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .