ئۇيغۇر خەلق تېبابىتىدە بەزى يەل – يارىلارنى ئىسلاپ داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ بارلىقىدىن خەۋىرىم بار لېكىن ئۇنى قانداق ئۇسۇلدا قانداق داۋالايدىغانلىقىنى، ئىسلاش ئۈچۈن نېمىلەرنىڭ لازىملىقىنى كۆرگىنىممۇ، ئاڭلىغىنىممۇ يوق دېسەم خاتالاشمايمەن خېلى – خېلىسىدىن سۈ

مۇشۇ يېقىندا بېشى 40 نىڭ ئەتراپىغا بېرىپ قالغان، ئوتتۇرا بوي، ئاق سېرىق، چىرايى ئىللىق، ھەر نەرسىنى دىققەت بىلەن تىڭشاشنى بىلىدىغان، خۇش پېئىل بىمار جۇۋان ئالدىمغا كەلدى. ئىلمىي مېدىتسىنادىن خەۋىرى بار مەزكۇر بىمار بىلەن ئۇزاق بىللە ئولتۇرۇپ سالامەتلىكىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىپ قالدىم. گەپتىن گەپ چىقىپ ئۇ تا بۇ يىلقى ئەتىياز پەسلىگە قەدەر ئۆزىنىڭ بۇرۇن ياللۇغىدىن قانچىلىك ئازابلانغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.
 
- ئەتىياز كېلىپ گىياھلار ئۆسۈشكە باشلىشى بىلەنلا ھالىم خارابلىشاتتى، - دەيدۇ ئۇ، - چۈشكۈرىمەن، بۇرنۇمدىن سۇ ئاقىدۇ. ئەسنەپ ئېزىلىمەندە، يورۇق دۇنيا ماڭا قاراڭغۇ كۆرۈنىدۇ. ئىلمىي تېبابەت ئاساسىدا جىق تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتتۈم. زامانىۋى تېخنىكا، دورا – دەرمەكلەردىن پايدىلىنىپ داۋالاندىم. شۇ ساھەنىڭ ئادىمى بولغىنىم ئۈچۈن جىق تىرىشتىم. بەختكە قارشى زامانىۋى لور مېنىڭ ئاغرىقىم بىلەن كۈچ ئېلىشالمىدى. ئۆزىڭىز تەكىتلىگەندەك، دىئاگنوز توغرا قويۇلمىسا، ھەممىسى بىر تىيىن. قىشلىقى ياخشى، باھار كېلىشى بىلەن يەنە ماشىلدىغىنىم ماشىلدىغان، چۈشكۈرگۈنۈم، چۈشكۈرگەن. خۇددى پاختا تىقىپ قويغاندەك دىمىقىم پۈتەتتى. بەزىدە ھەتتا بۇ جاندىن تويغانمۇ كۈنلىرىم بولدى، نېمىسىنى يوشۇراي. چۈنكى ۋۇجۇدۇمدىكى ھارغىنلىق بەدىنىمدىكى ئېزىلەڭگۈلۈك قىينايتتى. مېنىڭ ئەھۋالىمنى پەقەت بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئادەمنىڭلا چۈشىنىشى مۇمكىن. ھازىر ياخشىمەن.
 
- ئۆز – ئۆزىدىن ياخشى بولدىمۇ، يا بىر نەرسە سەۋەب بولدىمۇ؟
 
- دۇنيادا ئۆزىدىن ئۆزى بولىدىغان نېمە بار؟ ئويلىمىغانلا يەردىن ھايات تەجرىبىسى مول بىر ئاق چاچلىق موماي بىلەن سۆھبەتلىشىپ قالدىم. ئۇ ماڭا سېرىق ھەرىنىڭ كونا ئۇۋىسىنى كۆيدۈرۈپ، شۇنىڭ ئىسىنى پۇراشنى تەكلىپ قىلدى. مانا شۇنىڭدىن بۇيان ئارىدىن ئىككى ئاي ۋاقىت ئۆتتى، ياخشىمەن. ئەتىمالىم، پەسىللىك قوزغىلىدىغان بۇرۇن ياللۇغىغا بۇنىڭدىنمۇ ياخشى دورا بولمىسا كېرەك. بۇ سىزنىڭمۇ يادىڭىزدا بولىدىغان نەرسە. ئۇنداق دېگىنىمدىكى سەۋەب، ھازىر مەدەت سوراپ سىزنىڭ ئالدىڭىزغا كەلگۈچىلەرمۇ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ.
 
- ئۇ دېگىنىڭىز توغرا. بىراق مەن بۇ دورىنى بىرىگە تەكلىپ قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزۈم سىناپ كۆرۈشۈم كېرەك. ئەمما، بىرىنچىدىن، ھازىرغا قەدەر مېنىڭدە ئۇنداق ئاغرىق يوق؛ ئىككىنچىدىن، ھەرىنىڭ ئۇۋىسىنى تېپىشىم كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ دورىنى خېلى ئۇزاقتىن كېيىن سىناقتىن ئۆتكۈزۈشۈم مۇمكىن.
 
- سىناق دېگەن مانا مەنغۇ، كامالىدىن ئاكا؟ شۇ دورا بىلەن دىمىقىم ئېچىلدى، بۇرنۇمدىن سۇ ئېقىش توختىدى، ئېزىلەڭگۈلۈك قالدى. يەنە نېمە كېرەك؟ گۇۋاھچى ئالدىڭىزدا تۇرسا، سىناق مەيدانىنى ئىزدەپ نەگە باراتتىڭىز؟
 
- گۈلجاھاننىڭ تەلىپىمۇ، مەسلىھەتىمۇ ئورۇنلۇق. شۇنداق بولسىمۇ، ئىچىمدە ئۆز ئادىتىمنى بۇزغۇم كەلمىدى. ئىشتىن ئۆيگە قايتتىم. لېكىن گۈلجاھاننىڭ ھېكايىسى بېشىمدىن ھېچ نېرى كېتىدىغاندەك ئەمەس. ھېلىدىن ھېلى پەقەت شۇ يادىمغا كېلەتتى. راست، بۈگۈنكى ئاتموسفېرا ئەتراپنى قورشاپ تۇرغان مۇھىت ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز دەرىجىدە بۇلغانغان بىر مەزگىلدە زېمىندا بۇرۇن ياللۇغىنىڭ ئازابىنى تارتىۋاتقان بەندىلەر ئاز ئەمەس. گۈلجاھان خېنىمنىڭ ئۇسۇلى شۇلارنىڭ بىرىگە بولمىسىمۇ بىرىگە يېقىپ قالسا نۇر ئۈستىگە نۇر بولمامدۇ؟
 
شۇ ھەقتە ئويلاپ ئولتۇرۇپ قولۇمغا قەلەم ئالدىم.
 
ئىسلاپ داۋالاش پەقەت بۇرۇن بىلەنلا پۈتمەيدۇ. تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدە تاماقنى، بالىياتقۇنى ئىسلاپ داۋالاش ئۇسۇلىمۇ بار. بىلىدىغان گېزىتخانىلار ئېرىنمەي بۇ توغرىدا بىلىدىغانلىرىنى يېزىپ تۇرسا ئالەم گۈلىستان بولغان بولاتتى.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا تېبابەت دورىللىرنىڭ ئەكىس تەسىرى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئۇيغۇر تېبابىتى تېرە كىسەللىكلەر ئىلمى توغرىسىدا چۈشەنچە توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .