ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىنىڭ يۇقىرقىدەك ئارتۇقچىلىقى بولسىمۇ، يەنە بەزى دورىلار بىر قىسىم كېسەللىكلەرگە ئەكىس تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت، يەنى يۈرەكنى قۇۋەتلىگۈچى،خۇشلۇق كەلتۇرگۈچى دورىلارنىڭ تەركىبىدىكى مەرۋايىت، سەدەپ ،لاجۋەرد، زەھرى موھرە قاتار

بەدەننى قۇۋەتلەپ نېرۋىنى تىنىچلاندۇرۇپ، مەنى تۇتقۇچى دورىلاردىن ۋاڭ ئۇرۇغى، بەزىرۇلبەنجى، كۇچۇلا، سىر قاتارلىقلارنى گىلى ھىكمەت قىلىپ لايىقلاشتۇرۇش ئۆلچىمىگە يەتمىگەندە، ئورگانىزىمدا بەزى پاتافىزىئولوگىيلىك ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىپ ھاياتلىققا خەۋىپ يەتكۈزىشى مۇمكىن، تەركىبىدە ئەپىيۈن، نەشە قاتارلىق دورىلار بولغان مۇرەككەپ دورا ياسالمىلىرىنى كۆپ ئىستىمال قىلىشتىنمۇ نېرۋا ئاجىزلىقى، پەي موسكۇللار بوشىشىپ ،خۇما پەيدا قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
 
 بۇندىن باشقا يەنە بەزى ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر مەسىلەن:يۇتقۇنچاق ياللۇغى، ئاياللار كېسەللىكلىرى، بوۋاسىر، مەزى بېزى ياللۇغى ۋە ئاللېرگىيلىك بۇرۇن ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ كۈنسايىن كۆپىيشىگە ئەگىشىپ سىماب، چايان، سەكسەن پۇت، ئۇچقۇر پاقىغا ئوخشاش يۇقىرى ئۈنۈملۈك يەل ھەيدىگۈچى قان تازلىغۇچى دورىلارنى ئىشلىتىپ كېسەللىكنى داۋالاش مەقسىتىگە ئېرىشىلسىمۇ، ئەمما شۇ خىل كېسەللىكنىڭ مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىنكى قايتا قوزغىلىش ھالىتىگە ئىشلىتىلگەندە، دورا بەدەنگە تەسىر قىلمايدىغان، ھەتتا باشقا ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىشى مۇمكىن.
 
 يەنە بەدەننى قۇۋەتلەش ، يەل ھەيدەش، ئىشتىھانى ئېچىش مەقسىتىدە  ئاقمۇچ، زىرە، پىلپىل،كاۋاۋىچىن، قارىمۇچ، تاشاڭ دىگەنگە ئوخشاش ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلارنى كۆپلەپ ئىستىمال قىلىشتىن قاننىڭ ھارارىتى ئېشىپ كېتىش، قان قۇيۇلۇش،يۇقۇرى قان بېسىم،يۈرەك قان تۇمۇر كېسەللىكلىرى، مېڭە قان تۇمۇر تارىيىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ھەرخىل ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلار بىلەن يۇيۇنۇش، ئىسسىق تەبىئەتلىك مايلار بىلەن ياغلىنىش سەۋەبىدىن تېرلەرنىڭ مىزاجى بوزۇلۇپ پەي مۇسكۇللار يېغىلىپ قېلىش قاتارلىق  ئەھۋاللار، ئۇنىڭ ئەكىسچە سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەرنى زىيادە ئىستىمال قىلىشتىن ئورگانىزىمنىڭ نورمال ماددا ئالماشتۇرۇش پائالىيتى توسقۇنلۇققا ئۇچىراپ، خېلىتلار تەڭپۇڭلىقى بوزۇلۇپ ئاق كېسەل، پالەچ، لەقۋا، بوغۇم ئاغرىقى، بۆرەك ئاجىزلىق قاتارلىق كېسەللىكلەر پەيدا بولۇشى مۇمكىن.
 
   ئۇمۇمەن ئېيتقاندا، ھەرقانداق بىر ياخشى دورىمۇ بەدەنگە نىسبەتەن يات ماددا بولغانلقىدىن بەلگىلىك ئەكىس تەسىرگە ئىگە بولىدۇ. كونىلاردا << دورا چېكىدىن ئېشىپ كەتسە زەھەرلىك نەرسىگە ئايلىنىدۇ >>، << دورىغا تايىنىپ ياشىغان ئادەم بەخىتسىزدۇر >>،ئاچكۆز ئادەمنىڭ بەدىنىدە كېسەل كۆپ>><<كېسەل ئېغىزدىن كېرىدۇ>>دېگەندەك گەپلەر بار. شۇڭا دورىلارنى قارىغۇلارچە ئېستىمال قىلىشتىن ساقلىنىپ، تېببى مۇتەخەسىسلەردىن كۆپرەك مەسلىھەت سوراش، ئىلمى كۈتۈنۈش ئادىتىنى يېتىلدۇرۇپ دورىلارنى قائىدە بويىچە ئېستىمال قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.  

ئالدىنقى ماقالىمىزدا بۆرەك ۋە ئۇنى ئاسراش تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئىسلاپ داۋالاش توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .