بۆرەكنىڭ شەكلى پۇرچاققا ئوخشايدۇ ، ئۇ قورساق ئارقا دىۋارىدىكى ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭئىككى يېنىغا جايلاشقان بولۇپ ، بىر جۈپ بولىدۇ ، بۆرەكنىڭ يۇقىرىقى ئۇچى 11-كۆرەك ئومۇرتقىسىنىڭئۇدۇلىغا ، تۆۋەندىكى ئۇچى 3 - بەل ئومۇرتقسىنىڭ ئۇدۇلىغا توغرا كېلىدۇ

 
 ھەر بىربۆرەكنىڭ ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى تەخمىنەن 150~120گرام ئەتراپدا ، قېلىنلىقى 3~4 سانتىمىتىر ، ئۇزۇنلىقى 10~12 سانتىمىتىر، كەڭلىكى 5.5سانتىمىتىر بولىدۇ .

بىراق بۇلار ئادەمنىڭ تەن قۇرۇلۇشى ، جىنسي ،يېشى ، ئورۇق -سىمىزلىكىنىڭ ئوخشىماسلىقىغاقاراپ پەرقلىنىدۇ . بۆرەكنىڭ ئىچكى قىرىنىڭ مەركىزىي قىسمى ئىچىگە پاتقان بولۇپ ، بۇ بۆرەكنىڭ دەرۋازىسى دېيىلىدۇ . بۇ ئورۇن قان تومۇر ، لىمفا تومۇرى ، نېرۋا ۋەسۈيدۈك توشۇش نەيچىلىرىنىڭ بكرەككە كىرىپ چىقىدىغان ئورنىدۇر.
 
بۆرەكنىڭ ئەسلى مىزاجى ھۆل ئىسسىق بولۇپ ، خىزمەت ئىشلەش جەريانىدا ھۆل سوغۇققائايلىنىپ كەتكەن . بۆرەك ئۆزىدىكى قۇۋۋىتى جازىبە ، قۇۋۋىتى دافىئە ئارقىلىق قانتەركىبىدىكى بەدەنگە لازىملىق بولغان ماددىلارنىڭ بەدەن سېرتىغا چىقىپ كېتىشىنىڭئالدىنى ئالىدۇ . بەدەنگە كېرەكسىز زىيانلىق ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلاش ئارقىلىق سۈيدۈكھاسىل قىلىدۇ . بەدەننىڭ ئىچكى مۇھىتىدىكى سۇ ۋە تۇزلارنىڭ ئالمىشىشىنى ۋە كىسلاتائىشقارلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقنى تەڭشەيدۇ . بەدەن سۇيۇقلۇقىنى مۆتىدىللەشتۈرىدۇ . قاندىكىتەركىبلەرنىڭ نىسبىتىنى نورماللاشتۇرىدۇ .
 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا جىگەر ھەققىدە چۈشەنچە تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى تېبابەت دورىللىرنىڭ ئەكىس تەسىرى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .