جىگەر –خىلىت ھاسىل قىلىدىغان ۋە ماددا ئالماشتۇرۇش جەريانىدا ھاسىل بولغان زەھەرلىك ماددىلارنى زەھەرسىزلەندۈرۈش ۋەزىپىسنى ئۈستىگە ئالغان زەھەرلىك ماددىلار بىلەن ئۇچرىشش پۇرسىتى ئەڭ كۆپ ،كېسەل بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولغان رەئىس ئەزالارنىڭ بىرى



ئۆت خالتىسى –جىگەر ئاجىرتىپ چىقارغان ئۆت سۇيۇقلىقىنى ئۆزىدە ساقلاپ قۇيۇقلاشتۇرۇپ ئۆت كانىلى ئارقىلىق ئۈچەيگە يەتكۈزۈپ ئۈچەيدىكى مايلارنى ئېرىتىش،ئۈچەي لۆمۈلدىمە ھەرىكتىنى كۈچەيتىش،ھەمدە جىگەردە ھاسىل بولغان زەھەرلىك ماددىلارنىمۇ ئۆت كانىلى ئارقىلىق ئۈچەيگە يەتكۈزۈپ ،بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاش ۋەزىپىسنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان,ئارتۇق سەپرا خىلىتىنى زاپاس ساقلايدىغان خادىمى ئەزالارنىڭ بىرى.
 
تال–ئورگانىزىمنىڭ تەبىئەت كۈچى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بەدەندىكى ئارتوق سەۋدا خىلىتنى ئۆزىدە ساقلايدىغان خادىمى ئەزەلارنىڭ بىرى.
 
جىگەر ،ئۆت ،تال فىزولوگىيلىك خىزمەت جەھەتتىمۇ بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ،بىر-بىرىنى تەقەززا قىلىدۇ شۇڭا بۇلاردا يۈزبەرگەن كېسەللىكلەرمۇ ئۆزئارا بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن بەزى ئومۇمىي بەدەن خاراكتېرلىك كىسەللىكلەرنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا غىزا بىلەن داۋالاش تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى بۆرەك ۋە ئۇنى ئاسراش توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .