كىسەللەرنى غىزا بىلەن داۋالاش بولسا، كىسەلنىڭ مىزاجىغا مۇۋاپىق كىلىدىغان ئۇزۇقلۇقلارنى ئىستىمال قىلدۇرۇپ، مۇۋاپىق كەلمەيدىغان ئۇزۇقلۇقلارنى ۋاقتىنچە چەكلەپ، كىسەلگە شىپالىق بولغان ھەر خىل ئۇزۇقلۇقلار بىلەن كىسەلنى داۋالاپ بەدەننىڭ كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى

مەسىلەن: قىزىتمىلىق زۇكام كىسىلىگە قارا ئۆرۈك، چىلان، يۇمغاقسۈت، سامساق سېلىنغان گۈرۈچ ئېشى بىرىش بىلەن تەرلەپلا كىسەلنىڭ ياخشىلىنىپ كەتكەنگە ئوخشاش، يەڭگىل دورا بىلەن غىزا قىلىپ بىرىش ئۇسۇلىدۇر.


غىزالار ئادەتتە ئۈچ خىل بۇلىدۇ.

1) غىزايى مۇتلەق – بۇ پەقەت ئۇزۇق بۇلىدۇ. مەسىلەن: نان، چالا پىشۇرۇلغان تۇخۇم، گۆش شورپىسى، ئۈزۈم سۈيى، نۇقۇت سۈيى قاتارلىقلار. بۇلار بەدەن ئاجىز كىسەللەرگە مۇۋاپىق كىلىدۇ، بەدەن قۇۋۋىتى كۈچلۈك كىسەللەرگە بولسا ئارپا ئېشى، بۇغداي ئارپا نانلىرى، قايناقسۇ بىرىلسە بۇلىدۇ.

2) داۋايى غىزا – بۇ ئۇزۇقلۇقلار ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كىيىن ئالدى بىلەن داۋالىق، ئۇندىن كىيىن غىزالىق رولىنى ئۆتەيدۇ. مەسىلەن: ھەر خىل گۈلقەنت مۇراببالىرى، ئىسىقتىن بولغان كىسەللەرگە ئامۇت، ئالما، بىھى، قىزىلگۈل شەربەتلىرى ۋە مۇراببالار مۇۋاپىق كىلىدۇ. سۇغۇقتىن بولغان كىسەللەرگە پىننە گۈلقەنتى، سەۋزە، ياڭاق مۇراببالىرى بەدەنگە مۇۋاپىق كىلىدۇ.

3) غىزا ھەم داۋالىق يىمەكلىك – چامغۇر، تۇرۇپ، سەۋزە، شوخلا، پالەك، ئوسۇڭ، سامساق قاتارلىق سەيلەر ئىشلىتىلگەن غىزالار ئالدى بىلەن ئۇزۇق بۇلۇپ، ئۇندىن كىيىن داۋالاش رۇلىنى ئوينايدۇ.

كىسەلگە شىپالىق تائاملار – كېسەلگە يىمەكلىك بۇيرۇشتا كېسەلنىڭ مىزاجى، تەبىئىتى كىسەل خاراكتىرىگە قاراپ تۆۋەندىكى غىزالارنى بۇيرۇش لازىم.

مەسىلەن: قاندىن بولغان قان بېسىم يۇقۇرى، فەپقان، زاتلىرىيە، ئىستىخائى ئەسەپ كىسەللەرگە ئارپا ئېشى ياكى گۈرۈچ ئېشىغا كۆك يۇمغاقسۈت (ئاش كۆكى) قارا ئۆرۈك سېلىنغان ئاشلارنى بىرىش.

سەپرادىن بولغان سەرسام جىگەر كىسىلى، ئۈچەي كىزىكى قاتارلىق كىسەللەرگە گۈرۈچ ئېشىغا چىلان، ئەينۇلا، پالەك، ئاش كۆكى سېلىپ بىرىش مۇۋاپىق.

بەلغەمدىن بولغان پالەچ، لەقۋا، زىققا نەپەس، مۇپاسىل قاتارلىق كىسەللەرگە نۇقۇت ئېشى قىلىپ بىرىش، ئۇنىڭغا كەكلىك، كەپتەر، قۇشقاچ، توشقان گۆشلىرىنى ھەم سەۋزە، سامساق سېلىپ نۇقۇت ئاشلىرىنى بىرىش مەنپەئەتلىك.

 سەۋدايى كىسەللەرگە نۇقۇت ئېشىغا ياش چۈجە، باچكا گۆشلىرىنى، سەۋزە، ئوسۇڭ، ئاز مىقداردا سامساق سېلىپ ئاش سېلىپ بىرىش مۇۋاپىقتۇر.

كىسەللەرگە ئۇزۇقلۇق بۇيرۇشتا بەدىنى كۈچلۈك كىشىلەرگە ھەجىمى كۆپ، قۇۋۋىتى ئاز ئۇزۇقلۇق بىرىش كىرەك. مەسىلەن: گۆش، تۇخۇمسىز شويلا، سۇيۇقئاش، سەي، يەل-يىمىشلەرنى كۆپ يىيىشكە، نان، قايناقسۇ بۇيرۇش.

بەدىنى ئاجىز كىشىلەرگە ھەجىمى ئاز، قۇۋۋىتى يۇقۇرى غىزالارنى بۇيرۇش كىرەك. مەسىلەن: سۈت، تۇخۇم سېرىقى، شىكەر بىلەن چاي قىلىپ ئىچىشكە گۆش شورپىسى، ئۈزۈم سۈيى بۇيرۇش لازىم، قالايمىقان پەرىز تۇتقۇزۇپ كىسەلنىڭ بەدەن قۇۋۋىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىشتىن ساقلىنىش لازىم.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئۇيغۇر تېبابىتىدە كىسەللەرنى داۋالاش تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى جىگەر ھەققىدە چۈشەنچە توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .