1) روھى جەھەتتىن داۋالاش؛ 2) غىزا بىلەن داۋالاش؛3) دورا بىلەن داۋالاش؛4) قول ئەمەلىيى

 1) روھى جەھەتتىن داۋالاش؛

2) غىزا بىلەن داۋالاش؛

3) دورا بىلەن داۋالاش؛

4) قول ئەمەلىيىتى بىلەن داۋالاش؛

5) قوشۇمچە داۋالاش ئۇسۇللىرىدىن ئىبارەت.

داۋالىماقچى بولغان كىسەللەر خاراكتىر جەھەتتىن ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ.

يەنى: 1) ئىرسىيەت خاراكتىرلىك، سوزۇلما، ئوتتۇرا ھال خاراكتىرلىك؛ 2) مىزاجنىڭ بۇزۇلۇشى خاراكتىرلىك، يەنى بۇ ماددىلىق ۋە ماددىسىز دەپ ئايرىلىدۇ، 3) يۇقۇملۇق كېسەللەردىن ئىبارەت.
 
كېسەللەرنىڭ تۈرى ئۈچ تۈرلۈك بۇلىدۇ. 1) ئەزا كىسەللىكى؛ 2) قان كېسەللىكى؛ 3) روھ كېسەللىكىدىن ئىبارەت.
 
كېسەللىك دەپ ئادەم بەدىنىنىڭ مەلۇم بىر ئەزاسىنىڭ شەكلى ۋە خىزمىتىنىڭ نۇرماللىقتىن غەيرى ھالەتكە ياكى نۇرمالسىزلىققا ئۆزگىرىپ قېلىشى دىيىلىدۇ. مەسىلەن: لەقۋا كېسەللەر يۈز-كۆزىنىڭ ساڭايان بۇلۇپ قېلىشى، ئەزا ئۆزگەرگەن بۇلىدۇ، كۆزنىڭ يۇمۇلماسلىقى، تىلنىڭ ئېغىز سىرتىغا تۈز چىقماسلىقى، تۈكۈرۈكنىڭ ئۇدۇل چىقماسلىقى خىزمىتىنىڭ بۇزۇلغانلىقىدۇر، ئەگەر كۆز پەقەت كۆرمىسە، سۆز قىلالمىسا پالەچلەنگەن بۇلىدۇ.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا بۇرۇنىنىڭ مىزاجىنى نىمە ئۈچۈن ھۆل سوغۇق دەيمىز؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى غىزا بىلەن داۋالاش توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .