بۆرەكنىڭ مىزاجى ھۆل سوغۇق بۇلىدۇ چۈنكى بۆرەكنىڭ ئەڭ مۇھىم خىزمىتى سۈ يدۈ ك ھاسىل قىلىش بۇلۇپ، سۇدا ئىرىيدىغان ماددا ئالمىشىش ئاخىرقى مەھسۇلاتلىرى سۈيدۈك شەكلى بىلەن بەدەن سىرتىغا چىقرىدۇ

سۈيدۈك تەركىبىدە تەخمىنەن %95 -%97 سۇ ، %3-5 ئىرىگۈچى ماددا بۇلىدۇ . نورمال كىشىلەرنىڭ بىر سۇتكا ئىچىدە ئاجىرتىپ چىقارغان سۈيدۈك مىقتارى تەخمىنەن 1000-2000 مىللىلىتىر بۇلۇپ ، ئوتتىرا ھىساب بىلەن 1500 مىللىلىتىر بۇلىدۇ .


سۈيدۈك مىقتارىنىڭ ئاز –كۆپلىكى ئاساسەن ئورگانىزىمنىڭ كۈندۈلۈك قۇبۇل قىلغان سۇ نىقتارى بىلەن باشقا يوللار بىلەن چىقارغان سۇ مىقتارىغا ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ .بۆرەكنىڭ قان ئىقىم مىقتارى زور بۇلۇپ،ئادەتتە بۆرەكتىن ئۆتكەن قان سۇيۇقلىقىنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك بۆرەك كىچىك شارچىسىدىن ئۆتىدۇ .ئىككى بۆرەكنىڭ قان ىقىم  مىقتارى پەقەت تىنىچ ۋاقىتتا يۈرەك چىقىرىش مىقتارىنىڭ %20- 25 ئىگەللەيدىغان بۇلۇپ ھەر مىنوتىغا 1200 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقى بۆرەكتىن ئۆتىدۇ .

ئادەم بەدىنىدە تىنىچ تۇرغان ۋاقىتتا بۆرەك قان ئىقىم مىقتارىنىڭ %94 ئەتىراپىدىكى قان بۆرەك پوستىلاق قىسمىغا تەقسىملىنىدۇ . يىلىك قىسمىنى تەمىنلەيدىغىنى%1 گىمۇ يەتمەيدۇ . بۆرەك جايلىشىش ئورون جەھەتتە يۈرۈكتىن خىلى يىراق جايلاشقان بۇلۇپ، يۈرەكتىن كىلىدىغان تەركىبىدە روھى ھايۋانى بولغان قان سۇيۇقلىقى بۆرەككە يىتىپ كەلگىچە ھارارىتى تۆۋەنلەيدۇ.

ئۇ نىڭدىن باشقا بۆرەكتىن ئىقىپ ئۆتىدىغان قان سۇيۇقلىقى توقۇلما ھۈجەيرىللىرىنىڭ ماددا ئالمىشىش مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇلۇپ، تۇقۇلما ھۈجەيرىللىرىگە يەتكۈزۈپ بىرىدىغان قان سۇيۇقلىقىنىڭ ھارارىتىگە قارىغاندا قايتقان قاننىڭ ھارارىتى تۆۋەن بۇلىدۇ. يۇقىرقى ئالاھىدىكلەرگە ئاساسەن بۆرەكنىڭ مىزاجى ھۆل سوغۇق دەپ قارىلىدۇ .
 
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

ئالدىنقى ماقالىمىزدا بالىياتقۇنىڭ مىزاجىنى نىمە ئۈچۈن ھۆل سوغۇق دەيمىز؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى بۇرۇنىنىڭ مىزاجىنى نىمە ئۈچۈن ھۆل سوغۇق دەيمىز؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .