ئاشقازاننىڭ مىزاجىنى نىمە ئۈچۈن ھۆل سوغۇق دەيمىز؟


 (1)    ئاشقازاننىڭ مىزاجى ھۆل سوغۇق بۇلۇپ ، ئاشقازان سۇيۇقلىقىنڭ تەسىرى ۋە تالدا زاپاش ساقلانغان سەۋدا خىلىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىراپ تۇرىدۇ . ئاشقازان شىلىق پەردىللىرىدە ئوخشاش بولمىغان نەيچەسىمان بەزلەر بۇلۇپ، ئوخشىمىغان ئاجىرالمىلارنى ئاجىرتىپ تۇرىدۇ . ئاشقازان شىللىق پەردىللىرىدىكى بەزلەر شەكلى ۋە خىزمىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك ئۈچ رايۇنغا بۆلۈنگەن بۇلىدۇ ؛

(2)      ئاشقازان كىرىش ئىغىزىدىكى بەزلەر؛ بۇنىڭ ئورنى ئاشقازان تۈۋى بىلەن قىزىقئۆڭگەچ تۇتاشقان جايدا بۇلۇپ، كەڭلىكى تەخمىنەن㎝1-4  بولغا ن بىر ھالقاسىمان رايۇندۇر. بۇ جايدىكى شىللىق پەردىلەر شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ھۈجەيرىللىرىدىن تەركىپ تاپقان، قىسقا ھەم ئەگرى–بۈگرى نەيچىسىمان بەزلەر سۇيۇقلۇق ئاجىرتىپ چىقىرىپ ،ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش خىزمىتىگە قاتنىشىدۇ .
 
(3)  كىسلاتا ئاجىرتىپ چىقارغۇچى بەزلەر ؛ بۇلار ئاشقازان تۈۋى بىلەن ئاشقازان تېنى قىسىمىغا توغرا كىلىدۇ . بۇنىڭ يۈزى تەخمىنەن پۈتۈن ئاشقازاننىڭ ئۈچتىن ئىككى ياكى بەشتىن ئۈچ قىسىمىنى ئىگەللەيدۇ . بۇرايۇندىكى شىللىق پەردىلەردە زور مىقتاردىكى كىسلاتا خارەكتىرلىك ئاشقازان سۇيۇقلىقىنى ئاجىرتىپ چىقىرىدىغان ئاشقازان ئاستى بەزلىرى بار بۇلۇپ، بۇ بەزلەر تۇز كاناللىق بەزلەردۇر . ئۇلار ئاساسەن دىۋار ھۈجەيرىسى، ئاساسى ھۈجەيرە ۋە شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ھۈجەيرىسى بۇلۇپ سۇيۇقلۇق ئاجىرتىپ چىقىرىپ يىمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بۇلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .
 
ئاشقازان چىقىرىش ئىغىزىدىكى بەزلەر ؛ بۇلار ئاشقازان كاۋىكى ياكى ئاشقازان چىقىش ئىغىز قىسىمىغا توغرا كىلىدۇ . ئۇنىڭ شىللىق پەردىللىرى ئىچىدە كىرىش ئىغىزىدىكى بەزلەر بىلەن ئوخشىشىپ كىتىدىغان شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ھۈجەيرىللىرىدىن تۈزۇلگەن چىقىش ئىغىز بەزلىرى بۇلۇپ ، ئىشقارلىق شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئاجىرتىپ چىقىرىپ ، يىمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىشقا قاتنىشىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ئاشقازان دىۋارى سىلىق مۇسكۇللارنىڭ ھەركىتى نەتىجىسىدە ئاشقازاندا قىمىرلاش ھەركىتى شەكىللىنىدۇ .

قىمىرلاش ھەركەت دولقۇنى ئاشقازان كىرىش ئىغىزىدىن باشلىنىپ، چىقىرىش ئىغىزى تەرەپكە قاراپ ئىلگىرلەيدۇ . ئۇنىڭ چاستوتى ھەر مىنوتىغا تەخمىنەن ئۈچ قىتىم بۇلىدۇ. بىر مىنۇت ئەتىراپىدا چىقىش ئىغىزى قىسىمىغا يىتىپ بارىدۇ.

ئاشقازان قىمىرلاش ھەركىتىنىڭ بىر تەرەپتىن يىمەكلىكلەر بىلەن ئاشقازان سۇيۇقلۇقلىرىنى تولۇق ئارلاشتۇرۇپ، ئاشقازان سۇيۇقلىقىنىڭ خىمىيىلىك ھەزىم قىلىشنى ئاسانلاشتۇرۇش بۇلسا، يەنە بىر تەرەپتىن يىمەكلىكلەرنى ئارلاشتۇرىدۇ ۋە ئىزىدۇ ھەمدە ئاشقازاندىكى يىمەكلىكلەرنى 12 بارماق ئۈچەيگە ئىتتىرىپ كىرگۈزىدۇ .

ئاشقازان دىۋارىدىكى سىلىق مۇسكۇللار داۋاملىق مەلۇم دەرىجىدىكى ئۈزۈلمەي قىسقىراش ھالىتىنى ساقلاپ تۇرۇپ، ئاشقازاننىڭ ئاستا –ئاستا بوشىنىشىغا ئەگىشىپ تەدرىجي كۈچىيىدۇ . ئاچ قورساق ۋاقىتتا بەكمۇ ئىنىق بۇلۇپ ، ئاشقازاننىڭ بەلگىلىك شەكىلدە ۋە ئوروندا ساقلاپ يۇرىدۇ.
 
شۇڭا ئاشقازاننىڭ مىزاجى ھۆل سوغۇق دەپ قارىلىدۇ .

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ھۆل سوغۇق مىزاجدىكى ئەزالار قايسى؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى بالىياتقۇنىڭ مىزاجىنى نىمە ئۈچۈن ھۆل سوغۇق دەيمىز؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .