مىڭە ئورگانىزىمنىڭ پۈتكۈل ھەركەت پائالىيتىگە يىتەكچىلىك قىلىدۇ مىڭە پەردىسى قاتتىق مىڭە پەردىسى، مىڭە ئۆمۈچۈك تورسىمان پەردە، مىڭەيۇمشاق پەردىسىدىن تەركىپ تاپقان بۇلۇپ، مىڭە يۇمشاق پەردىسى مىڭە يۇلۇن سۇيۇقلىقىنى ھاسىل قىلىدۇ

مىڭە يۇلۇن سۇيۇقلىقى مىڭە قىرىنچىسىدا ئايلىنىپ ماددا ئالمىشىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. مىڭىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى بويۇن ئىچكى ئارتىرىيىسى بىلەن ئۇمۇرتقا ئارتىرىيىسىدىن كىلىدىغان بۇلۇپ، ۋىنا قىنى ئاساسەن بويۇن ئچكى ۋىناسى ئارقىلىق كاۋاك ۋىناغا قايتىپ كىلىدۇ .


مېڭىدىكى قان ئىقىم مىقتارى ناھايىتى مول بۇلۇپ تەخمىنەن يۈرەكنىڭ مىنوتلۇق چىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ %14 نى ئىگەنلەيدۇ.مىڭىنىڭ ئوكسىگىن سەرپىياتى يۇقىرى ھەم تۇراقلىق بۇلۇپ ، ئۆزىنىڭ نورمال خىزمىتىنى بىجىرىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئىنىرگىيە ۋە ئوكسىگىنغا مۇھتاج بۇلىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا مېڭە، روھى نەپسانىي ۋە قۇۋىتى نەپسانىينىڭ مەركىزى ئورنى بۇلۇپ بەدەندىكى بارلىق سەزگۈ، ھەركەت پائالىيەتلەرنى تەڭشەپ باشقۇرۇپ تۇرىدۇ .

ئۇيغۇر تىبابەت كىلاسسىك ئەسىرى «دەستۇررۇلئىلاج»دا؛«بەشخىل سەزگۈ قۇۋەتنىڭ جايلاشقان ئورنى مىڭىدە بولغانلىقتىن، ئۇ قۇۋەتلەرنىڭ خىزمىتىگە قۇلايلىق يارىتىپ بىرىش ئۈچۈن مىڭىنىڭ مىزاجى ھۆل سوغۇق بۇلىدۇ ». «مىڭىنىڭ مىزاجىنىڭ ھۆل سوغۇق بۇلىشىنىڭ ئەھمىيتى– روھى ھايۋانى بىلەن ھارارىتى ئەسلىينىڭ ئىسسىقلىقى داۋاملىق مىڭىگە كىلىپ تۇرغانلىقتىن، مېڭىنىڭ مىزاجىنى نورمال ساقلاش ئۈچۈندۇر».«مىڭە مىزاجىنىڭ ھۆل بۇلۇشنىڭ ئەھمىيتى-ھەركەت قىلغاندىن كىيىن ئسسىقلىق تەسىرىدىن مىڭىنىڭ قۇرۇپ قالماسلىقى ئۈچۈندۇر »دەپ كۆرسەتكەن. شۇڭا مىڭىنىڭ مىزاجى ھۆل سوغۇق دەپ قارىلىدۇ .

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

ئالدىنقى ماقالىمىزدا پۈتۈنلۈك بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ھۆل سوغۇق مىزاجدىكى ئەزالار قايسى؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .