خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر: ھەرخىل ئىچكى تاشقى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ھەرقايسى خىلىتلار نىڭ سان ياكى سۈپىتىدە ئۆزگىرىش يۈز بىرىپ، ئۇمۇمى بەدەننىڭ ياكى مەلۇم بىر ئەزانىڭ تەبىئى تۈزىلىشىدە غەيرى نۇرمال ئۆزگىرىش بولماستىن، بەلكى مىزاجىدا ئۆز

 
خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر تۈۋەندىكىدەك تۆت تۈرگە بۈلىنىدۇ
 
1)    خىلىتلىق ھۆل ئىسسىقتىن مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر:
 
خىلىتلىق ھۆل ئسسىقتىن بولغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بولسا ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن قان خىلتىنىڭ سان سۈپىتىدە ئۆزگىرىش، ئۇفۇنەتلىنىش بۇلۇپ، ئۇمۇمى بەدەننىڭ ياكى مەلۇم بىر ئەزانىڭ تەبىئى تۈزىلىشىدە غەيرى نۇرمال ئۆزگىرىش يۈز بەرمەستىن، بەلكى مىزاجىدا ئۆزگىرىش يۈز بىرىپ، نۇرمال بولغان فىزلوگىيلىك خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى كۆرسىتىدۇ.
 
 مەسىلەن:يۇقۇرى قان بېسىمى،قان ئازلىق،قان خىلتىدىن بولغان باش ئاغرىقى قاتارلىقلار
 
(2)خىلتلىق قۇرۇق ئىسسىقتىن بولغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر:
 
خىلىتلىق قۇرۇق ئسسىقتىن بولغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بولسا ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن سەپرا خىلتىنىڭ سان سۈپىتىدە ئۆزگىرىش،ئۇفۇنەتلىنىش بۇلۇپ،ئۇمۇمى بەدەننىڭ ياكى مەلۇم بىر ئەزانىڭ تەبىئى تۈزىلىشىدە غەيرى نۇرمال ئۆزگىرىش يۈز بەرمەستىن،بەلكى مىزاجىدا ئۆزگىرىش يۈز بىرىپ،نۇرمال بولغان فىزلوگىيلىك خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى كۆرسىتىدۇ.
 
 مەسىلەن:سەپرادىن بولغان باش ئاغرىقى،جىگەر ئاجىزلىق،سېرىقلىق چۈشۈش كىسىلى، ۋە ئىچى سۈرۈش قاتارلىقلار
 
(3)خىلتلىق ھۆل سۇغۇقتىن بولغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر:
 
خىلىتلىق ھۆل سۇغۇق بولغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بولسا ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بەلغەم خىلتىنىڭ سان سۈپىتىدە ئۆزگىرىش،ئۇفۇنەتلىنىش بۇلۇپ،ئۇمۇمى بەدەننىڭ ياكى مەلۇم بىر ئەزانىڭ تەبىئى تۈزىلىشىدە غەيرى نۇرمال ئۆزگىرىش يۈز بەرمەستىن،بەلكى مىزاجىدا ئۆزگىرىش يۈز بىرىپ،نۇرمال بولغان فىزلوگىيلىك خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى كۆرسىتىدۇ.
 
مەسىلەن: پەي مۇسكۇللارنىڭ بوشىشىپ كىتىشى ۋە پالەچ،ئىستىرخا، لەقۋا سۇلۇق ئىششىق قاتارلىقلار
 
(4) خىلىتلىق قۇرۇق سۇغۇقتىن بولغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر:
 
خىلىتلىق قۇرۇق سۇغۇقتىن بولغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بولسا ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن سەۋدا خىلتىنىڭ سان سۈپىتىدە ئۆزگىرىش، ئۇفۇنەتلىنىش بۇلۇپ، ئۇمۇمى بەدەننىڭ ياكى مەلۇم بىر ئەزانىڭ تەبىئى تۈزىلىشىدە غەيرى نۇرمال ئۆزگىرىش يۈز بەرمەستىن، بەلكى مىزاجىدا ئۆزگىرىش يۈز بىرىپ،نۇرمال بولغان فىزلوگىيلىك خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى كۆرسىتىدۇ.
 
 مەسىلەن: مالىخۇلىيا،جۇنۇن قاتارلىقلار.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا خىلىتسىز مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى خىلىتسىز (ماددىسىز) مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك بىلەن خىلىتلىق (ماددىلىق) توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .