خىلىتسىز مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر- ھەرخىل ئىچكى تاشقى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، يەنى ھەرخىل كەيپىياتلارنىڭ تەسىرى بىلەن ئومۇمى بەدەننىڭ ياكى مەلۇم بىر ئەزانىڭ تۈزۈلىشىدە غەيرى نۇرمال ئۆزگۈرۈش بولماستىن، مىزاجىدا ئۆزگۈرۈش يۈزبىرىدىغان، ئاساسلىق كېس


خىلىتسىز مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر تۈۋەندىكىدەك تۈت تۈرگە بۇلىنىدۇ:
 
(1) خىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىقتىن بولغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر:
 
خىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىقتىن بولغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بولسا ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن قۇرۇق ئىسسىق كەيپىياتنىڭ، ئىچكى تاشقى جەھەتتىن تەسىر قىلىشى بىلەن بەدەننىڭ ياكى مەلۇم بىر ئەزانىڭ ئاناتومىيلىك تۈزىلىشىدە ھېچ قانداق ئۆزگىرىش بولماي، مىزاجىدا ئۆزگىرىش بۇلۇپ، فىزلوگىيلىك خىزمىتىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى نەتىجىسىدە كىلىپ چىققان خىلىتسىزمىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى كۆرسىتىدۇ
 
مەسىلەن:ئوت،كۈن نۇرى نىڭ ئۆتكۈر تەسىرى ياكى قۇرۇق ئىسسىق تەبئەتلىك،ئۆتكۈر پۇراقلىق دۇرا دەرمەكلەرنىڭ مېڭىگە تەسىر قىلىشىدىن بولغان باش ئاغرىقى.
 
(2) خىلىتسىزھۆل ئىسسىقتىن بولغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر:
 
خىلىتسىز ھۆل ئىسسىقتىن بولغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بولسا ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ھۆل ئىسسىق كەيپىياتنىڭ، ئىچكى تاشقى جەھەتتىن تەسىر قىلىشى بىلەن بەدەننىڭ ياكى مەلۇم بىر ئەزانىڭ ئاناتومىيلىك تۈزىلىشىدە ھېچ قانداق ئۆزگىرىش بولماي، مىزاجىدا ئۆزگىرىش بۇلۇپ، فىزىئولوگىيلىك خىزمىتىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى نەتىجىسىدە كىلىپ چىققان خىلىتسىزمىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى كۆرسىتىدۇ
 
مەسىلەن:ھەرخىل قىززىتما،ھەرخىل نەم ھاۋا ياكى ئىسسىق شامال تىگىش، ھۆل ئىسسىق تەبىئەتلىك دورا دەرمەكلەر، يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىشتىن كىلىپ چىققان زۇكام، نەزلە قاتارلىقلار
 
(3) خىلىتسىزھۆل سۇغۇقتىن بولغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر:
 
خىلىتسىز ھۆل سۇغۇق بولغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بولسا ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ھۆل سۇغۇق كەيپىياتنىڭ، ئىچكى تاشقى جەھەتتىن تەسىر قىلىشى بىلەن بەدەننىڭ ياكى مەلۇم بىر ئەزانىڭ ئاناتومىيلىك تۈزىلىشىدە ھېچ قانداق ئۆزگىرىش بولماي، مىزاجىدا ئۆزگىرىش بۇلۇپ، فىزلوگىيلىك خىزمىتىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى نەتىجىسىدە كىلىپ چىققان خىلىتسىز مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى كۆرسىتىدۇ
 
مەسىلەن:بەك سۇغۇق ۋە نەملىك ھاۋا،مۇھىتلاردا كۆپ تۇرۇش، ھۆل سۇغۇق تەبىئەتلىك دورا ۋە يېمەك ئېچمەكلەرنى ئىستىمال قىلىش سەۋەبىدىن پەيدا بولغان مىزاج بۇزۇلۇش
 
(4) خىلىتسىز قۇرۇق  سۇغۇقتىن بولغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر:
 
خىلىتسىز قۇرۇق سۇغۇق بولغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بولسا ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن قۇرۇق سۇغۇق كەيپىياتنىڭ، ئىچكى تاشقى جەھەتتىن تەسىر قىلىشى بىلەن بەدەننىڭ ياكى مەلۇم بىر ئەزانىڭ ئاناتومىيلىك تۈزىلىشىدە ھېچ قانداق ئۆزگىرىش بولماي، مىزاجىدا ئۆزگىرىش بۇلۇپ، فىزلوگىيلىك خىزمىتىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى نەتىجىسىدە كىلىپ چىققان خىلىتسىزمىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى كۆرسىتىدۇ.
 
مەسىلەن: قۇرۇق سۇغۇق تەبىئەتلىك دورا ۋە يېمەك ئېچمەكلەرنى ئىستىمال قىلىش سەۋەبىدىن پەيدا بولغان باش ئاغرىقى،ئۇزۇقلۇق يىتىشمەسلىك قاتارلىقلار

ئالدىنقى ماقالىمىزدا مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .