"سوئى"ئەرەپچە سۆز بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسلى مەنىسى "يامان" "يامانلىشىش " "بۇزۇق" "بۇزۇلۇش"دى

 "سوئى"ئەرەپچە سۆز بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسلى مەنىسى "يامان" "يامانلىشىش " "بۇزۇق"   "بۇزۇلۇش"دىگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ. "سوئى مىزاج" نىڭ كۆچمە مەنىسى ئادەمنىڭ ئومۇمى بەدىنى ياكى مەلۇم بىر ئەزاسىنىڭ مىزاجىنىڭ يەنى تەبىئى خىزمىتىنىڭ بۇزۇلىشىنى ئىپادىلەيدۇ.

مىزاج بۇزلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك دىگىنىمىز:  ئومۇمى بەدەننىڭ ياكى مەلۇم بىر ئەزانىڭ تۈزۈلىشىدە غەيرى نۇرمال ئۆزگۈرۈش بولماستىن بىرەر غەيرى ماددا (غەيرى تەبىئى خىلىت ) نىڭ سەۋەبىدىن ياكى نۇرمالسىز كەيپىياتلارنىڭ تەسىردىن شۇ ئەزانىڭ مىزاجىدا ئۆزگۈرۈش بولۇپ،ئۇنىڭ مەخسىس خىزمىتىنىڭ توسقۇنلىققا ئۇچرىشىدىن ئىبارەت.
مەسىلەن:بىرقىسىم ئاشقازان كېسەللىكلىرىدە گەرچە ئاشقازاننىڭ ئاناتومىيلىك تۈزىلىشىدە بىرەر قانداق غەيرى نۇرمال ئۆزگىرىش بولمايلا، ئۇنىڭ ھەزىم قىلىش خىزمىتىدە بۇزۇلۇش كۈرىلىدۇ
 
مىزاج بۇزلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر،خىلىتسىز مىزاج بۇزلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك ۋە خىلىتلىق مىزاج بۇزلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك دەپ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ساقلىق ۋە كېسەللىك ھەققىدە چۈشەنچە تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى خىلىتسىز مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .