ئۇيغۇر تېبابىتىمىزدە ساقلىق ۋە كېسەللىك ھەققىدە چۈشەنچە تۆۋەندىكىدەك ئىزاھلانغان

 ساقلىق–بەدەندەكېسەللىك ياكى كېسەللىك ئازابى بولمايلا قالماستىن بەلكى بەدەن جەھەتتە،روھى جەھەتتە ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتە، جەمىيەتكە ماسلىشىش جەھەتتىكى ياخشى بولغان نورمال ھالەتنى كۆرسىتىدۇ . بۇخىل نورمال ھالەت ئورگانىزىمنىڭ تۈزۈلىشى ۋە خىزمىتىنىڭ نورمال بولىشىغا ۋە ھەرقايسى ئەزالارنىڭ ئىچكى مۇھىت تۇراقلىقىنى ساقلىشىغا تايىنىدۇ.

بۇنداق دېگەنلىك تەندە كېسەللىك بولماسلىق، ھەرقايسى ئەزالارنىڭ تۈزۈلىشى نورمال بولۇش، روھى ھالەت نورمال بولۇش،ئەخلاقى پەزىلەت ياخشى بۇلۇش، ئىجتىمائىي ئەخلاق مىزانىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىدىغان بولۇش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ . جەمئىيەتكە ماسلىشالايدىغان بولۇش،باشقىلارغا زىيان سالمىغان ئاساستا،ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغان بولۇش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.

كېسەللىك –ئىچكى تاشقى مۇھىتتىكى بەلگىلىك كېسەل پەيدا قىلغۇچى ئامىللارنىڭ تەسىرىدە بەدەن جەھەتتىكى، روھ جەھەتتىكى، ئىجتىمائىي جەھەتتىكى يەنى جەمئىيەتكە ماسىلىشىش جەھەتتىكى ئورگانىزىمنىڭ تۇراقلىق ھالىتى بۇزۇلۇشتىن كېلىپ چىققان ئىچكى مۇھىتنىڭ قالايمىقانلىشىشى ۋە ھاياتلىق پائالىيتىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچىرشىشنى كۆرسىتىدۇ .
 
ھەرقانداق كېسەللىك ماھىيەت جەھەتتىن ھەم شەكىللىنىپ چىقىش جەھەتتىن يالغۇز كېسەللىك ۋە مۇرەككەپ كېسەللىك دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ.
 
بەدەندە ياكى يالغۇز بىر ئەزادا بولغان بىر خىللا كېسەللىك يالغۇز كېسەللىك دەپ ئاتىلىدۇ .
 
مۇرەككەپ كېسەللىك بولسا ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق يالغۇز كېسەللىكلەرنىڭ قوشىلىشىغا قارىتىلغان.
 
يالغۇز كېسەللىكلەر:مىزاج بۇزلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر، شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر، پۈتۈنلۈك بۇزلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر دەپ ئۈچ تۈرگە بۈلىنىدۇ.
مۇرەككەپ كېسەللىكلەرمۇ ماھىييەتتە مۇشۇ ئۈچ خىل كېسەللىكنىڭ دائىرسىگە كىرىدۇ.
 
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

ئالدىنقى ماقالىمىزدا روھى تەبىئىي دىگەن نىمە؟ ئورنى نەدە،قانداق رولى بار؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .