بۇ ئىنسانلارنىڭ ماددا ئالمىشىش پائالىيتى ۋە نەسىللنىش ئىقتىدارىنى كونتىرول قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان روھتىن ئىبارەت

 ئۇيغۇر تىبابەت كىلاسسىك كىتابلىرىدا؛«روھى ھايۋانىي يۈرەكتىن جىگەرگە يىتىپ بىرىپ روھى تەبئىيگە ئۆزگىرىدۇ . روھى تەبئىي ئەزالارنى پەرۋىش قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى چوڭايتىدۇ» دەپ ئىزاھلانغان .

جىگەر بەدەندىكى رەئىس ئەزانىڭ بىرسى بۇلۇپ ، ئۇ بولمىسا بەدەننىڭ ھاياتلىقىمۇ بولمايدۇ . جىگەر ناھايىتى چوڭ خىمىيىۋى كارخانىغا ئوخشاش بەدەندە ئادەم ھاياتى ئۈچۈن مۇھىم بولغان نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئۆتەيدۇ . مەسىلەن؛ خىلىتلارنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ ، قەنىت ، ئاقسىل ، ۋىتامىن ، ھورمۇن قاتارلىق بەدەننى تۈزۈگۈچى ئاساسلىق ماددا ۋە ئوزۇقلۇقلارنىڭ ئالمىششىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى ساقلايدۇ . ماددىلارنى ئوكسىدلاپ ، پارچىلاش ۋە بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق بولغان ماددىلارنىڭ يامان تەسىرىنى يوقىتىپ بەدەننى قوغدايدۇ .

ئۆت سۇيۇقلىقى ئاجىرتىپ چىقىرىپ، ئۈچەيلەردە ياغلارنى ھەزىم قىلىشقا قاتنىشىپ بەدەننى ياغ بىلەن ئوزۇقلىنىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ . شۇنداقلا بەدەننىڭ ئۆسۇپ يىتىلىشىگە، تەرەققى قىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان تەبئىي ھاياتلىق ماددىللىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان بۇلۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى جىگەر ھۈجەيرىللىرى ئىچىدە ئىلىپ بىرىلىدۇ . جىگەرنىڭ بۇخىل خىزمىتى دەل روھى تەبئىينىڭ تۈرتكىسىدە قوزغالغان قۇۋىتى تەبئىي تەرپىدىن ئىلىپ بىرىلىدۇ .
 
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

ئالدىنقى ماقالىمىزدا قۇۋۋەت دىگەن نىمە؟ ئۇ نەچچىگە بۈلۈنىدۇ،قايسىلار؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ساقلىق ۋە كېسەللىك ھەققىدە چۈشەنچە توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .