بىرلەمچى قۇۋۋەتلەر ھاياتلىق ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۇر بولۇپ ،بارلىق قۇۋۋەتلەرنىڭ باشلىنىش مەنبىيى، ھاياتلىقنىڭ ئاساسى ھىساپلىنىدۇ

بىرلەمچى قۇۋۋەتلەر ئۆزىنىڭ مەركىزى ئورنى خىزمەت تەخسىماتىغا ئاساسەن قۇۋۋىتى ھايۋانى ،قۇۋۋىتى نەپسانىي،قۇۋۋىتى تەبىئىي دەپ ئۈچ خىل بولىدۇ.

ئەگەر يۇقارقى ئۈچ خىل قۇۋۋەتتىن بىرسى ئۆزىنىڭ خىزمىتىدىن قالسا ھاياتلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ.شۇ سەۋەپتىن بۇ ئۈچ خىل قۇۋۋەت بىرلەمچى قۇۋۋەت ھىساپلىنىدۇ،ئىككىلەمچى قۇۋۋەت بولسا بىرلەمچى قۇۋۋەت ئاساسىدا شەكىللەنگەن بولۇپ، بىرلەمچى قۇۋۋەت مەۋجۇت بولغاندا ئاندىن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ھەم بىرلەمچى قۇۋۋەتنىڭ تەسىرىدە خىزمىتىنى بىجىرىدىغان قۇۋۋەتتۇر.
 
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت


ئالدىنقى ماقالىمىزدا روھى نەپسانى دىگەن نىمە؟ ئورنى نەدە،قانداق رولى بار؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى قۇۋۋەت دىگەن نىمە؟ ئۇ نەچچىگە بۈلۈنىدۇ،قايسىلار؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .