روھى ھايۋانى يۈرەكنى مەركەز قىلغان روھ بۇلۇپ ،ئۇ يۈرەكنىڭ ھەركىتى نەتىجىسىدە شىريان تومۇرلار ئارقىلىق قاننى ھەركەتلەندۈرۈپ ، قان ئايلىنىشنى جارى قىلدۇرۇپ ، پۈتۈن بەدەنگە ھاياتلىق بىغىشلايدۇ

ئانا تىنىدە تۆرەلمە پەيدا بۇلۇپ ئىىكىنچى ھەپتىدىن كىيىن تۆرەلمىدە يۈرەك نوقتىسى پەيدا بۇلۇپ ، ئاندىن قان ئارالچىللىرى ۋە قان تومۈر پەيدا بۇلۇشقا باشلايدۇ . سەككىزىنچى ئاخىرىدىن باشلاپ يۈرەك ھەركەتلىنىشكە باشلىپ قان ئايلىنىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. تۆرەلمىنىڭ يۈرەك نوقتىغىنىڭ ئىككىنچى ھەپتىسى بارلىققا كىلىپ سەككىزىنچى ھەپتىسى ھەركەتلىنىشى – يۈرەك مۇسكۇل تۈزۈلىشىنىڭ روھى ھايۋانىينىڭ غىدىقىغا بۇلغان سەزگۇرلىكىنىڭ يۇقىرى بۇلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك .

ھەمىلە تۇغۇلۇپ كىندىك كىسىلگەندىن كىيىنلا بوۋاقنىڭ بەدىنىگە ئىھتىياجلىق روھى ھايۋانىينىڭ مەنبەسى ئۈزىلىدۇ . –دە ، دەرھال نىرىۋا سىستىمىسىغا بۇ ئىنكاس يەتكۈزۈلۈپ روھى نەپسانىينىڭ نەپەس ھەركىتىنى قوزغىتىش رولى بىلەن تۇنجى قىتىملىق نەپەس ئىلىش ۋە نەپەس چىقىرىش ھەركىتى باشلىنىپ بوۋاق يىڭى باشتىن ئۆزى مۇستەققىل ھالدا روھى ھايۋانئينى قۇبۇل قىلىدۇ ۋە ھاياتلىقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ .
 
دىمەك ، روھى ھايۋانىينىڭ يۈرەكنى ھەركەتلەندۈرۈپ يۈرەك ھەركىتى ئارقىلىق قان بىلەن بىرگە ھەرقايسى ئەزا توقۇلما ھۈجەيرىلەرگە يىتىپ بىرىپ ھاياتلىققا كىرەكلىك قۇۋەت ۋە ھارارەت پەيدا قىلىدۇ . شۇڭا ئۇيغۇر تىبابەت كىلاسسىك ئەسەرلىرىدە روھى ھايۋانىي ھەققىدە يەنە « بەدەننىڭ قان ئايلىنىشى ئاجىزلاشقان ھارارەتنىڭ تۆۋەنلەپ ، سىزىم ۋە ھەركەتنىڭ تەدىرىجى كىتىشى ئۇزۇقلۇق ماددىلار شۇنداقلا روھى ھايۋانىينىڭ يەرلىك ئورۇنغا تولۇق يىتىپ بارالمىغانلىقىدىندۇر » دەپ بايان قىلغان .
 
           ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قۇۋىتى ھايۋانىينىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە ؛« دەستۇرۇلئىلاج» ناملىق مەشھۇر كىلاسسىك ئەسەردە مۇنداق دىيىلگەن ؛« خىلىتلارنىڭ لەتىف ، جەۋھەر قىسمىدىن ھاسىل بۇلىدۇ . بۇ روھ ئارقىلىق يۈرەكتە دەرھال قۇۋىتى ھايۋانىي شەكىللىنىپ يۈرەك ھەركەتلىنىپ قان ئايلىنىش ھۇجۇتقا كىلىدۇ . بۇنىڭ بىلەن ھەممە ئەزالارغا روھى ھايۋانىي يىتىپ كىلىپ ، پۈتۈن بەدەندىكى بارلىق ئەزالار روھى نەپسانىي ۋەقۇۋىتى نەپسانىيگە لايىقلىشىدۇ .

ئەگەر بىر ئەزادىن روھى نەپسانىي ياكى قۇۋىتى نەپسانىي يوقىلىپ ، روھى ھايۋانىي ھەم قۇۋىتى ھايۋانىي قالسا ، ئۇ ئەزانى تىرىك دىيىشكە بۇلىدۇ . شۇنىڭدەك پالەچ ئەزالارنىڭ سەزگۈ ھەركىتى يوقالسىمۇ يەرلىك ئورۇندا قان ئايلىنىش مەۋجۇت بۇلۇپ ، روھى ھايۋانىي يىتىپ كەلگەن بولغاچقا ئۇ ئەزانىڭ تىرىكلىكىنى ساقلاپ قالىدۇ ، چىرىمەيدۇ .

ئۈلۈك ئەزانىڭ روھى ھايۋانىيسى ۋە قۇۋىتى ھايۋانىيسى يوقاپ كەتكەنلىكتىن تىز چىرىيدۇ . ئەگەر پالەچلەنگەن ئەزادىن پالەچ ئىللەتلىرى يوقالسا ئۇ ئەزادا يەنە سىزىم ۋە ھەركەت پەيدا بۇلىدۇ » ، بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋىلىشقا بۇلىدىكى روھى ھايۋانىي ھاياتلىقنىڭ باشلىنىش مەنبئى بۇلۇپ ، ھاياتلىق پائالىيتىدە كەم بولسا بولمايدۇ .

ئۇنىڭ مەركىزى ئورنى يۈرەك بولۇپ، ئۇ يۇرەك مۇسكۇللىرىنى قىسقارتىپ-كىڭەيتىش ھەركىتىنى بارلىققا كەلتۇرىدۇ ھەم ئورگانىزىمدا قان ئايلىنىشنى شەكىللەندۇرۇپ ،پۇتۇن بەدەننىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىغا روھ يەتكۇزۇپ بىرىدۇ.يۇرەكنى مەركەز قىلغان روھى ھايۋانىنىڭ تەسىرىدە يۇرەكنىڭ ھەركىتىنى بارلىققا كەلتۇرىدۇ.شۇڭا پۇتۇن بەدەننىڭ تىرىكلىكى مۇشۇ قۇۋۋەتكە باغلىق،ئۇ ئىنساننىڭ ھاياتلىق پائالىيىتىنى سۇرەتلەپ بىرىدۇ.ھەمدە پۇتۇن بەدەنگە روھ يەتكۇزۇپ بىرىش ئارقىلىق بەدەندىكى ھاياتلىق پائالىيەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك تۇزۇلۇشلەرنى كونتۇرۇل قىلىپ تۇرىدۇ.قۇۋۋىتى ھايۋانىي بارلىق پائالىيەتلەرنىڭ باشلىنىش مەنبىيى بولۇپ،بارلىق قۇۋۋەتلەر قۇۋۋىتى ھايۋانىي مەۋجۇت بولغاندىلا ئاندىن مەۋجۇت بولۇپ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ.
 
دىمەك ،قۇۋۋىتى ھايۋانىي يۇرەكنىڭ قىسقىرىش-كىڭىيىش ھەركىتىنى بارلىققا كەلتۇرۇش ئارقىلىق بەدەندە چوڭ-كىچىك قان ئايلىنىشنى شەكىللەندۇرۇپ،ئۆپكە ئارقىلىق قوبۇل قىلغان ئوكسىگىننى،قان ئايلىنىشقا ئۆتكەن تەبىئىي خىلىتلارنى ،جۇملىدىن تەبىئىي خىلىتلار بىلەن ئوكسىگىننىڭ بىركىشى جەريانىدا ھاسىل بولغان روھنى پۇتۇن بەدەننىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىغا يەتكۇزۇپ بىرىدۇ ھەم بەدەندىكى تۆت ھەزىم جەريانىدا ھاسىل بولغان كىرىكسىز ماددىلارنى ۋە گازلارنى قان ئايلىنىش ئارقىلىق ھەر قايسى چىقىرىش ئەزالىرىغا يەتكۇزۇپ بىرىپ ،بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلايدۇ. شۇڭا قۇۋۋىتى ھايۋانى_ ھاياتلىق پائالىيەتنىڭ ئاساسىدۇر.

ئەگەر قۇۋۋىتى ھايۋانى ئاجىزلاپ ئۇنىڭ خىزمەت پائالىيىتى توسقۇنلۇققا ئۇچۇرسا ،ھاياتلىق پائالىيەتمۇ توسقۇنلۇققا ئۇچۇرايدۇ.ئەگەر يۇرەكتىن قان تومۇرلارنىڭ مەلۇم بىر يىرىدە ھەر خىل سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن توسۇلۇش بولۇپ،قان ئايلىنىش توسقۇنلۇققا ئۇچۇرسا روھ- قۇۋۋەتلەرنىڭ ئالمىشىشى توسقۇنلۇققا ئۇچۇراپ،قان تومۇر توسالغان جاينىڭ تۆۋەنكى قىسىمىغا روھى ھايۋانى يىتىپ بارالماي،شۇ جاينىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئاجىزلاپ،ئوزۇقلۇق قۇبۇل قىلىش توسقۇنلۇققا ئۇچۇرايدۇ.
 
يۇقۇرقىلاردىن سىرىت، ئىنسانلاردىكى خۇشاللىق ياكى غەم-قايغۇلارنىڭ ياخشى ياكى يامانلىغىنى پەرىقلەندۇرۇش مىڭىنى مەركەز قىلغان روھى نەپسانىي تەرپىدىن بولسىمۇ لىكن،يۇرەك روھى ھايۋانىنىڭ مەركىزى بولغاچقا ھەم ئۇنىڭ ئىنساندىكى ئەمىلىي ئىپادىسى يۇرەكتە بولغاچقا قورقۇش،جىمغۇرلۇق،ئاچچىقلىنىش،خوشاللىنىش .....قاتارلىق بىر قىسىم روھى ئامىللارنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىش ۋە ساقلاش خىزمىتى قۇۋۋىتىي ھايۋانىيغا باغلىق بولىدۇ.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا روھ نەچچىگە بۈلۈنىدۇ؟ئۇلار قايسى؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى روھى نەپسانى دىگەن نىمە؟ ئورنى نەدە،قانداق رولى بار؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .