روھ – روھى ھايۋانى، روھى نەپسانىي، ۋە روھى تەبىئىيدىن ئىبارەت ئۈچ خىل بۇلىدۇ بۇتوغىرسىدا ئۇيغۇر تىبابەت كىلاسسىك كىتابلىرىدا «روھلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى ۋە ئەڭ بۇرۇن شەكىللىنىدىغىنى روھى ھايۋانى بۇلۇپ ، روھى ھايۋانىينىڭ مىڭىگە يىتىپ بارغان قىسىمى روھى

بۇنى چوڭقۇر تەھلىل قىلغاندا روھى ھايۋانى باشتىن ئاخىر (ئادەم ھاياتىنى بارلىققا كەلتۈرۈشتىن ھاياتى ئاخىرلاشقىچە ) ئەڭ ئاساسلىق ماددا بۇلۇپ ،تۆرەلمە  شەكىللىنىپ سەككىزىنچى ھەپتىسى تۆرەلمە يۇرىكىنىڭ تۇزۇلۇشى مۇكەممەللىشىپ روھى ھايۋانىينىڭ تۇرىتكىسىدە ھەركەتكە كەلمىسە ياكى تۇغۇلۇپلا يۇرەك ھەركىتى توختاپ قالسا مىڭە،جىگەرگە قان ئايلىنىش ئارقىلىق بارىدىغان روھىي ھايۋانىي بولمايدۇ.

بۇنىڭ بىلەن مىڭە ، جىگەر لەرمۇ ھاياتلىق پائالىيتىدىن توختايدۇ . يەنە مڭە نىرىۋا ھۈجەيرىللىرىدە ھىس –ھەركەتكە سەۋەب بولغۇچى روھى ھايۋانى بارلىققا كىلەلمەيدۇ . جىگەردە بولسا ئوزۇقلۇق ماددىلار ۋە زەھەرلىك ماددىلارنى بىرتەرەپ قىلىش جىزمىتىگە سەۋەب بولغۇچى روھى تەبئىي بارلىققا كىلەلمەيدۇ . بۇنىڭدىن روھى ھايۋانىينىڭ مىڭە جىگەرگە يىتىپ بىرىپ ، روھى نەپسانىي ۋە روھى تەبىئيگە ئۆزگىرىدىغانلىقىنى چۈشىنىۋىلىشقا بۇلىدۇ .

ئالدىنقى ماقالىمىزدا روھ دىگەن نىمە؟،ئۇ قانداق ھاسىل بۇلىدۇ؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى روھى ھايۋانىي دىگەن نىمە ؟ئورنى نەدە،قانداق رولى بار؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .