روھ — ئستىمال قىلىنغان يىمەك-ئىچمەكلەردىن ھاسىل بولغان خىلىتلارنىڭ بەدەندە ئايلىنىش-سەرىپ قىلىنىش جەريانىدا،تەبىئىي خىلىتلارنىڭ ئەڭ نازۇك،ئۇچۇچان گاز قىسىمىنىڭ نەپەسلىنىش ئارقىلىق بەدەنگە قۇبۇل قىلىنغان ھاۋائىي نەسىمى بىلەن بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان، ئىنت

‹‹دەستۇرۇلئلاج›› ناملىق كىلاسسىك ئەسەردە؛ ‹‹ روھى –خىلىتلاردىن لەتىفلىرىدىن ھاسىل بولىدۇ››، ‹‹بۇ روھ ئارقىلىق يۈرەكتە قۇۋەتنى ھايۋانى ھاسىل بولىدۇ›› دوپ كۆرسىتىلگەن. ‹‹ئۇيغۇر تىبابەت قامۇسى›› نڭ 1-جىلدىدا بولسا ‹‹ تىبابەتتە ‹روھى›دىپ ئاتالغان نەرسە باشقا پەلسەپىۋى كىتابلاردا ئۇچىرايدىغان جان ،روھى دىگەنلەرگە ئوخشاش نەرسە بولماستىن، بەلكى ئادەمتىنىدىكى ماددى مەنبەلەردىن پەيدا بولىدىغا ناھايىتى شالاڭ بولغان گاز ھالەتتىكى بىر خىل ھەركەتچان ماددىدۇر›› دەپ بايان قىلىنغان .

شۇنىڭدەك يەنە ‹‹ ئۇيغۇر تىبابەت قامۇسى››نىڭ 1-جىلدىدا ‹‹رورى ئۇيغۇر تىبابەت كىتاپلىرىدابىر خىل ‹بۇخارى لەتىف›دەپ تەرىپلىنىدۇ ›› دوپ كۆرسىتىلگەن بولسا ئۇيغۇرتىبابەت كىلاسىك ئەسەرلىرىدىن‹‹كۇللىياتى نەپىسى››، «ئەلقانۇن فىتتىب» قاتارلىق كىتابلاردا يەنە؛ «ئادەم بەدىنىدىكى خىلىتلاردا بەدەنگە ئوزۇق بۇلىدىغان ۋە بەدەنگە ئۆزلىشىشكە لايىق بولغان، ھەرقايسى ئەزالارنىڭ شەكلى،رەڭگى ۋە خۇسۇسىيتىگە مۇھاپىق كىلىدىغا ن تۈرلۈك ئوزۇقلۇق ماددىللىرى بولغىنىدەك، مەزكۇر ئوزۇقلۇق ماددىللىرىدىن ھاسىل بۇلدىغان،ئەمما ھەرقانداق ئەسۋاب بىلەن كۆرۈش مومكىن بولمايدىغان بىر خىل ئىنتايىن يەڭگىل، لەتىف،گاز خۇسۇسىيەتلىك ھەركەتچان ماددا بۇلىدۇ . ئۇ ‹روھ › دىيىلىدۇ. بەدەندىكى ھەر قانداق ئەزانىڭ تەبئىي خىزمەت پائالىيتىنى ئورۇنلىشىدا روھنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ بۇلىدۇ » دەپ كۆرسەتكەن
 
دىمەك روھ بەدەندە ھاسىل بولغاندىن كىيىن، تەبئىي خىلىتلار بىلەن بىللە بەدەننى دەۋىر قىلىپ ئايلىنىش جەريانىدا ئورگانىزىمنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىدىكى توقۇلما – ھۈجەيرىلەرگىچە ئىھتىياجلىق مىقتاردا يىتىپ بىرىپ، قۇۋەتنىڭ ھاسىل بۇلىشى ئۈچۈن تۈرۈتكىلىك رول ئوينايدىغان ماددا بۇلۇپ ، ئورگانىزىمنىڭ ھەممە قىسمىغا تارقىلىپ، قۇۋەتلەرنىڭ قوزغىلىشىغا تۈرۈتكە بۇلۇش ئارقىلىق ئەزالارنىڭ خىزمەت پائالىيتىنى شەكىللەندۈرۈپ ھاياتلىقىنڭ داۋاملىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. شۇڭا بىرەر ئەزادا ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن روھ ئاجىزلاشسا ياكى يوقالسا شۇ ئەزانىڭ تۈزىلىشىدە باشقا ئۆزگىرىش بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ خىزمىتى بۇزىلىدۇ ياكى خىزمىتى توختاپ ھاياتلىق پائالىيتى ئاخىرلىشىدۇ. شۇڭا روھ بارلىق قۇۋەتلەرنىڭ مەۋجۇتلىقى پەقەت روھ ئارقىلىقلا بۇلىدۇ .
 
دىمەك روھ قۇۋەتنىڭ ئاساسى، قۇۋەت روھنىڭ ئىپادىلىنىشى بۇلۇپ ،روھ بولمىسا قۇۋەتمۇ ئۆزرولىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ . شۇڭا روھ بىلەن قۇۋەت بىر– بىرىگە بىقىنىدۇ ھەم بىر– بىرىنى تەقەززا قىلىدۇ .
 
يۇقىرىدا تىلغا ئىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك ، قەدىمقى ئۇيغۇر تىبابەت ئالىملىرى «روھ » ھەققىدە كۆپ ئىزدىنىشلەرنى ئىلىپ بارغان بولسىمۇ ، ھازىرغىچە روھنىڭ ماھىتىنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى تولۇق ئىسپاتلىغىنى يوق . شۇڭا كىلاسسىك كىتابلاردىكى «روھ » تىلغا ئىلىنغان مەزمۇنلارنى ھازىرقى زامان پەن تىخنىكا بىلىملىرى ئاساسىدا ئانالىز قىلىپ، روھنىڭ ماھىيىتى، ئۇنىڭ ھايات تەندىكى رولى، پەيدا بۇلىشى، ئۆزگىرىشى قاتارلىق مەسلىلەر ئۈستىدە تىخىمۇ چوڭقۇر تەتقىقاتنى قانات يايدۇر ىشىمىزغا توغرا كىلىدۇ .

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئەزا تەلىماتىنىڭ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ئىلىمىدىكى ئىشلىتىلىشى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى روھ نەچچىگە بۈلۈنىدۇ؟ئۇلار قايسى؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .