ئەزالار تەلىماتىنىڭ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ئاساسى نەزىرىيىلىرى ئىلىمىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرۇپلا قالماي بەلكى داۋالاش ئەمىليىتى جاريانىدىمۇ ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ

ئەزالارتۈزۈلىشىگە ئاساسەن يەككە ئەزا ۋە مۇرەككەپ ئەزا دەپ ئايرىلىدۇ . بەدەندە ئۆتەۋاتقان خىزمىتىگە ئاساسەن رەئىس ئەزا،خادىمى ئەزا ۋە غەيرى خادىمى ئەزا دەپ ئايرىلىپ ئەزالارنىڭ ئورگانىزىمدىكى خىزمەت پائالىيەتلىرى شەرھىلىنىدۇ . شۇنىڭدەك ھەرقايسى ئەزالار مۇئەييەن مىزاجغا ئىگە بولغاندىلا ئۆزىنىڭ نورمال خىزمەت پائالىيتىنى جارى قىلدۇرۇپ ھاياتلىق پائالىيتىنى داۋام ئىتىدۇ .

ئەگەردە ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەزالارنىڭ مىزاجى بۇزۇلسا بەدەندىكى تۆت ھەزىم جەريانىغا مۇئەييەن تەسىر كۆرسىتىپ خىلىتلارنىڭ بەدەندىكى ئايلىنىشى ۋە سەرىپ قىلىنىش جەريانىنى توسقۇنلىققا ئۇچىرتىدۇ . بۇنىڭ بىلەن تەبىئىي خىلىتلاردىن ھاسىل بۇلىدىغان روھلار ياخشى شەكىللەنمەي، روھ، قۇۋەتلەر ئۆزخىزمىتىنى ياخشى جارى قىلدۇرالمايدۇ.

بۇخىل ئۆزگىرىش يەنى ئەزالارنىڭ خىزمەت پائالىيتىنىڭ توسقۇنلىققا ئۇچىرىشىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ بەدەندە خىلمۇ- خىل كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بىرىشىگە سەۋەب بۇلىدۇ .

شۇڭا ئەزالار تەلىماتىنى ياخشى ئۈگۈنۈپ ئەزالارنىڭ مىزاجى،بەدەندىكى رولى، قايسىسى رەئىس ئەزا قايسىسى خادىمى ئەزا بۇلارنى پىشىق ئىگەللىگەندىلا نورمال ئادەم بەدىنىنى تولۇق چۈ شەنگىلى بۇلىدۇ ھەمدە كېسەللىكلەرنى توغرا تونۇپ توغرا دىئاگىنوز قويغىلى، كېسەللىكلەرنىڭ قايسى ئەزادا ئىكەنلىگىنى چۈشىنىش ئارقىلىق داۋالاش پىرىنسىپى ۋە ئۈسكۈنلىرىنى ياخشى تاللاپ بىكىتكىلى، پەرھىز بويرۇغىلى،بۇ ئارقىلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاش ۋە ئالدىنى ئىلىش جەھەتتە ياخشى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرگىلى بۇلىدۇ .

شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ ئەزالار تەلىماتىنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرسى كەڭ، چىتىلدىغان مەزمۇنى كۆپ بۇلۇپ، ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ ئەزالارنىڭ تۈزلىشى ۋە خىزمىتىگە نىسپەتەن ئۆزىگە خاس كۆزقاراشلىرى مۇجەسسەملەشكەن تەلىماتى ھىسابلىنىدۇ .

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئۇيغۇرلارنىڭ دورىلىق چاي مەدەنىيتى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى روھ دىگەن نىمە؟،ئۇ قانداق ھاسىل بۇلىدۇ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .