* ئەگەر كېسەل كۆكرەكتە بولسا ، دورىنى تاماقتىن كېيىن ئىچسە تېز ساقىيىدۇ * يۈرەكنىڭ

   * ئەگەر كېسەل كۆكرەكتە بولسا ، دورىنى تاماقتىن كېيىن ئىچسە تېز ساقىيىدۇ .

  * يۈرەكنىڭ ئاستى ئاغرىسا ، دورىنى تاماقتىن كېيىن ئىچسە دەرھال ئۈنۈم بېرىدۇ . 
 
  * ئىلىكتە كېسەللىك بولسا ، دورىنى كەچتە ئاچ قورساق ئىچسە ، تېز ئۈنۈم بېرىدۇ .
 
  * ئەگەر پۇت–قول ئاغرىسا ، دورىنى ئەتىگەندە ئاچ قورساق ئىچسە ، دەرھال ئۈنۈم بېرىدۇ .
 
  * قۇۋۋەت دورىلىرىنى تاماقتىن يېرىم ئاش پىشىم بۇرۇن ئىچسە ، تېز پايدا قىلىدۇ . 
 
  * جىددىي كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلار دورىنى تاماقتىن بىر ئاش پىشىم كېيىن ئىچسە تېز ئۈنۈم بېرىدۇ .
 
ئەكرەمجان مەترۇسۇل ئۈمىدى تەييارلىغان

ئالدىنقى ماقالىمىزدا قۇلاققا پايدىلىق ۋە پايدىسىز ئامىللار تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ دورىلىق چاي مەدەنىيتى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .